UyghurMain Dictionary
ۋىسكۇم چاتقىلى
بىئولوگىيە
دىبىق ئائىلىسىگە كىرىدۇ. دائىم يېشىل تۇرىدىغان يېرىم پارازىت كىچىك چاتقال، ئېگىزلىكى تەخمىنەن 30 - 60 سانتىمېتىر، غولى يۇمىلاق تۈۋرۈكسىمان، سارغۇچ يېشىل بولۇپ، 2 - 3 قايتىلىنىپ ئاچىماقلىنىپ شاخلىنىدۇ، بوغۇم ئارىلىقى 5 - 10 سانتىمېتىر كېلىدۇ. يوپۇرمىقى شاخ ئۇچىدا ئۇدۇل ئۆسىدۇ، قېلىن وبولىدۇ. تەتۈر تۆمۈنىسىمان ياكى ئۇزۇن ئىللىپىس شەكىللىك، ئۈچ تال تومۇرى بولىدۇ، سېپى بولمايدۇ. گۈلى يەككە جىنسلىق بولۇپ، ئاتىلىق، ئانىلىقى ئايرىم تۈپتە بولۇپ شاخ ئۇچى ياكى ئاچىماقلانغان ئورۇندا ئۆسىدۇ، سارغۇچ يېشىل بولۇپ، سېپى بولمايدۇ؛ ئاتىلىق گۈلىنىڭ گۈل يېپىنچىسى تۆتكە يېرىلىدۇ، ئاتىلىقى تۆت، ئاتىلىق يىپى بولمايدۇ، چاڭدان كۆپ خانىلىق بولىدۇ؛ 1 - 3 تال ئانىلىق گۈلى بىرلىشىپ توم، قىسقا ئومۇمىي گۈل سېپىدە ئۆسىدۇ. شىرنىلىك مېۋىسى شار شەكىللىك بولۇپ، پىشقاندا قىزىل رەڭلىك بولىدۇ، دۇڭبېي، خۇابېي، جياڭشى، گەنسۇ، خۇبېي، سىچۇەن قاتارلىق ئۆلكىلەردىن چىقىدۇ، ئاسىيانىڭ شىمالىي قىسمى بىلەن ياۋروپانىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا بەلگىلىك دەرىجىدە تارقالغان. ئۇ دۇپ دەرىخى ئۇرۇقدىشى، ئالما ئۇرۇقدىشى، تېرەك ئۇرۇقدىشى ۋە قارىغاي ئۇرۇقدىشىدىكى ھەرخىل دەرەخلەردە پارازىتلىنىپ ئۇلارغا زىيان يەتكۈزىدۇ. پۈتۈن ئۆسۈملۈك تۈپى دورىغا قوشۇلىدۇ. جىگەر ۋە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەندۈرۈش، قوۋۇرغىنى كۈچەيتىش، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش، سۈت كەلتۈرۈش، تۆرەلمىنى مۇقىملاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.