UyghurMain Dictionary
ۋېنگرىيە سېپى
دۇنيا تارىخى
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ۋېنگرىيە كومپارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى فاشىزمغا قارشى بىرلىك سەپ. 1944 - يىل 5 - ئايدا، كومپارتىيىنىڭ تەشەببۇس قىلىشى بىلەن تەشكىللەنگەن. سوتسىيال دېموكراتلار، ئۇششاق بۇرژۇئازىيە ۋە زىيالىيلار گۇرۇھلىرى قاتناشقان. ۋېنگرىيە خەلقىنى ئىشنى ئاقسىتىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، فاشىستىك ھاكىمىيەتكە قارشى تۇرۇشقا چاقىرغان. ئۇششاق يەر ئىگىلىرى ۋە ئۇششاق بۇرژۇئازىيىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان پارتىيە - گۇرۇھلار كومپارتىيىنىڭ قوراللىق كۈرەشنى ئۇيۇشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەكلىپىنى قوبۇل قىلمىغانلىقتىن، گېرمانىيە فاشىزمغا قارشى تۇرىدىغان قوراللىق كۈچنى شەكىللەندۈرەلمىگەن. 1944 - يىلنىڭ ئاخىرىدا <ۋېنگرىيە مىللىي مۇستەقىللىك سېپى> قىلىپ ئۆزگەرتىپ تەشكىللىنىپ، خەلقنىڭ فاشىزمغا قارشى تۇرۇشىغا داۋاملىق رەھبەرلىك قىلغان.