UyghurMain Dictionary
ۋېنگرىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى
دۇنيا تارىخى
ۋېنگرىيە ئىشچىلار سىنىپى پارتىيىسى. 1890 - يىلى 12 - ئايدا قۇرۇلغان. <پرېنسىپال خىتابنامە> دەپ ئاتىلىدىغان پارتىيە پروگراممىسىنى تۈزۈپ چىقىپ، كاپىتالىستىك ئېكسپىلاتاتسىيىگە قارشى تۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى ئومۇمنىڭ ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى كۆرسىتىپ، ئىشچىلار سىنىپىنىڭ سىياسىي ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان؛ لېكىن ئومۇمىي سايلام ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى باشتىن - ئاخىر ھەرىكەتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەقسىتى قىلغان. پارتىيە قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ئېنگېلسنىڭ ياردىمى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن توغرا لۇشيەن قوللانغان. 90 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بېرنىشتېين رېۋىزىئونىزملىق ئىدىيىۋى ئېقىمىنىڭ تەسىرى ئارقىسىدا، بارا - بارا ئاغمىچىلىق يولىغا مېڭىپ، پارلامېنت يولى، سىنىپىي ھەمكارلىق ۋە <سوتسىيالىزمغا تىنچ ئۈسۈپ كىرىش> نۇقتىئىنەزەرىنى تەرغىپ قىلىپ، ماركسنىڭ پرولېتارىيات ئىنقىلابى ۋە پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسى توغرىسىدىكى تەلىماتلىرىغا قارشى تۇرغان. مىللىي مەسىلىدە ئاۋسترىيە - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ مىللىي زۇلۇم سىياسىتىنى ئاقلىغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئوڭچى باشلىقلىرى بۇرژۇئا مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، جاھانگىرلىك ئۇرۇشىنى قوللىغان. 1918 - يىلى 11 - ئايدا بېلاكۇن باشچىلىقىدىكى سولچى سوتسىيال دېموكراتلار ۋېنگرىيە كومپارتىيىسىنى قۇرغان. 1919 - يىلى 3 - 8 - ئايلاردا، كومپارتىيە بىلەن ۋېنگرىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى قىسقا مۇددەت ھەمكارلىشىپ، ۋېنگرىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنى قۇرۇپ چىققان، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇزاققىچە بۆلۈنۈپ كەتكەن. 1944 - يىلى 10 - ئايدا فاشىزمغا قارشى كۈرەش داۋامىدا كومپارتىيە بىلەن يەنە بىر قېتىم ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كېلىشىمى تۈزگەن. 1948 - يىلى 3 - ئايدا كومپارتىيە بىلەن بىرلىشىپ ۋېنگرىيە ئەمگەكچى خەلق پارتىيىسىنى تەشكىللىگەن.