UyghurMain Dictionary
ۋەخپە قانۇنى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئىسلام شەرىئىتىدىكى مۇھىم تۈرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، مۇشۇ قانۇننى ئاساس قىلغان يەر، بايلىق تۈزۈمىدىن ھاسىل بولغان ئالاھىدە مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى ۋە ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي تۈزۈم <ۋەخپە تۈزۈمى> دېيىلىدۇ. بۇ تۈزۈم تارىختا غەربىي ئاسىيا، شىمالىي ئافرىقا، جەنۇبىي ئاسىيا قۇرۇقلۇقى قاتارلىق جايلاردا كەڭ ئومۇملاشقان. ۋەخپىنىڭ ئىككى خىل شەكلى بولىدۇ: بىرى، مۈلۈك ئىگىسى بىر قىسىم يېرى ياكى مۈلكىنىڭ كىرىمىنى <تەڭرى يولى> غا بېغىشلانغان ئىشلار (مەسىلەن: مەسچىت، دوختۇرخانا، مەكتەپ، جامائەت مۇنچىسى سېلىش قاتارلىقلار) غا بېرىدۇ. بۇ ئىستىسلاھ ۋەخپە دېيىلىدۇ. يەنە بىرى، مۈلۈك ئىگىسى يەر ۋە مۈلكىنى ئەۋلادلىرىنىڭ بۆلۈۋېلىشىغا قالدۇرغانلىقىنى، ئۇلاردىن شەرىئەتكە ئۇيغۇن پايدىلىنىدىغان ئادەم قالمىغاندا يوقسۇللارغا سەدىقە قىلدىغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ. بۇ <ئائىلە ۋەخپىسى> دېيىلىدۇ. مۇشۇ ئىككى خىل ئىقتىسادىي تۈزۈمنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئەگىشىپ، ئوتتۇرا ئەسىردىكى فەقىھلەر ھەدىسنى ئاساس قىلىپ، بۇ ھەقتە ھەر خىل تەلىماتلارنى ۋە بەلگىلىمىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، نۇرغۇن ئەسلىمىلەرنى يېزىپ، بۇ قانۇننىڭ ئاساسىنى سالدى. بۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالدى؛ ۋەخپە يەر، ۋەخپە مۈلۈكىنىڭ تەبىرى ۋە مەقسىتى (يەر، مۈلۈك ئاللانىڭ ئىلكىدە بولىدۇ. شەرىئەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان دىنىي، خەير - ئېھسان ئىشلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىشى كېرەك)؛ مۈلۈكنى ئىئانە قىلغۇچى، ئۇنىڭدىن نەپ ئالغۇچى ۋە ئىئانە قىلىنىدىغان مۈلۈك؛ ئىئانە قىلىش رەسمىيىتى؛ مۈلۈكنىڭ خاراكتېرى ۋە ئۇنىڭغا ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقى، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ھوقۇقى، ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى (نەپ ئالغۇچىدا ساقلاپ باشقۇرۇش ھوقۇقى، پايدىلىنىش ھوقۇقى بولىدۇ. سېتىش، رەنىگە قويۇش، ئىئانە قىلىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش ھوقۇقى بولمايدۇ)؛ مۈلۈكنى ھاۋالە بىلەن باشقۇرغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى قاتارلىقلار. ئوخشاشمىغان ئەھلى فەقىھلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەرق مەۋجۇت. ئۇلارنىڭ ئەمەلىي ئىشلىشى بىلەن ئەھكام بەلگىلىمىلىرى ھەمىشە تېپىشىپ قالىدۇ. يېقىنقى زاماندىن كېيىن ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى شەرىئەت ئىسلاھاتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ۋەخپىگە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرنىڭ كۆپىنچىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى. نۇرغۇن دۆلەتلەر ئائىلە ۋەخپىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنى ۋارىسلىق قىلىشقا، ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولىدىغان خۇسۇسىي مۈلۈك قىلدى ھەمدە ئىستىسلاھ ۋەخپىسىگە چەك قويۇپ، ئۇنى دۆلەت باشقۇرىدىغان دىنىي فوند قىلدى.