UyghurMain Dictionary
ۋەخپە مۇددىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ۋەخپە ئەسلىي مەڭگۈلۈك ئىئانە قىلىنغان يەر، مۈلۈك بولۇپ، ۋاقىت چېكى يوق ئىدى. 1946 - يىلىدىكى مىسىرنىڭ <ۋەخپە نىزامى> دا مۇنداق دەپ بەلگىلەندى: مەسچىتلەرنىڭ پايدىلىنىشىغا بېرىلگەن خەير - ئېھسان ئىئانىسى (ئىستىسلاھ ۋەخپىسى) مەڭگۈلۈك بولۇشى كېرەك. باشقا ئىجتىمائىي ئىستىسلاھ ئىشلىرىنىڭ ئىشلىتىشىگە بېرىلگەن ئىئانە ۋاقىتلىق بولسىمۇ ياكى مەڭگۈلۈك بولسىمۇ بولىدۇ. ئەۋلادلىرىنىڭ پايدىلىنىشىغا بېرىلگەن ئائىلە ۋەخپىسى ۋاقىتلىق بولۇشى، ئىككى ئەۋلادنىڭ پايدىلىنىشى ياكى 60 يىل چەك قىلىنىشى لازىم.