Uyghur←ChineseMain Dictionary
ۋەتەنپەرۋەرلەر گۇرۇھى
Domain: دۇنيا تارىخى爱国集团
ài guó jí tuán
1906 - يىلى بۇلغارىيە بۇرژۇئازىيە ۋە ئۇششاق بۇرژۇئازىيە پارتىيىسى راچو پېتروۋ ئىچكى كابىنېتىغا قارشى تۇرۇش مەقسىتىدە قۇرغان سىياسىي ئىتتىپاق، ئۇنىڭغا خەلق پارتىيىسى، تەرەققىيپەرۋەر ئەركىنلىك پارتىيىسى، دېموكراتىيە پارتىيىسى، رادىكاللار پارتىيىسى، ئوڭ قانات سوتسىيالىستلار پارتىيىسى قاتارلىقلار قاتناشقان. 1903 - يىلى كورۇل فېردىناند بۇلغارىيە چوڭ بۇرژۇئازىيىسىنىڭ ھاكىمىيەتنى تىزگىنلەش ئېھتىياجىغا لايىقلىشىش ئۈچۈن، سانائەت بۇرژۇئازىيىسىنىڭ پارتىيىسى - خەلق ئەركىنلىك پارتىيىسىنىڭ يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىل قىلىشنى بەلگىلەپ، <پارتىيىسىز> گېنېرال راچوپېتروۋنى زۇڭلى قىلىپ تەيىنلىگەن. يېڭى ھۆكۈمەت ئەكسىيەتچىل تېررورلۇق ھۆكۈمرانلىقنى كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ نارازىلىقىدىن پايدىلىنىپ ھاكىمىيەتنى تارتىۋالماقچى بولغان. 1908 - يىلىنىڭ باشلىرىدا ھۆكۈمەتتە كرىزىس يۈز بەرگەندە، بۇ گۇرۇھقا قاتناشقان دېموكراتىيە پارتىيىسى كورۇل فېردىناندنىڭ كابىنېت تەشكىل قىلىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، گۇرۇھ ئىچىدىكى باشقا پارتىيىلەرنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان، شۇنىڭ بىلەن بۇ گۇرۇھ ئاستا - ئاستا تارقىلىپ كەتكەن.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.