Uyghur←ChineseMain Dictionary
ۋەتەن پارتىيىسى
دۇنيا تارىخى
祖国党
zǔ guó dǎng
(1) 1879 - يىلى 1 - ئايدا ئەنگلىيىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى كونتروللۇقىغا قارشى كۈرەش جەريانىدا قۇرۇلغان مىسىر مىللەتچى سىياسىي پارتىيىسى. ئەزالىرىنىڭ كۆپىنچىسى زىيالىيلار، ۋەتەنپەرۋەر ئوفىتسېرلار، مەسلىھەتچىلەر كېڭىشىنىڭ تەرەققىيپەرۋەر ئەزالىرىدىن ئىبارەت. مىسىرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداپ، دېموكراتىك سىياسەت يۈرگۈزۈپ، ھەربىي كۈچنى كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلغان. 1881 - يىلى ئەرەبى پاشا رەھبەرلىكىدە ئىككى نۆۋەت قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، تەۋپىق پاشانى <ياۋروپالىقلار ئىچكى كابىنېتى> نى تارقىتىۋېتىشكە مەجبور قىلغان. 1882 - يىلى 2 - ئايدا، بۇ پارتىيە كابىنېت تەشكىللەپ، بارۇدى باش ۋەزىرلىككە، ئەرەبى قۇرۇقلۇق ئارمىيە مىنىستىرلىكىگە تەيىنلەنگەن. 7 - ئايدا، ئەنگلىيە مىسىرغا تاجاۋۇز قىلغاندا، ئۇلار ھەربىي ۋە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، ئەنگلىيىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا زەربە بەرگەن. بىراق تاجاۋۇزچىلىققا قارشى ئۇرۇش مەغلۇپ بولۇپ، ئەرەبى، بارۇدى قاتارلىق رەھبەرلىرى سەيلون (ھازىرقى سېرىلانكا) غا سۈرگۈن قىلىنغان ۋە چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن، قالغان ئەزالىرى قايتا <ئىتتىپاق جەمئىيىتى> بولۇپ تەشكىللەنگەن. (2) 1907 - يىل 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى قۇرۇلغان مىسىر مىللەتچى سىياسىي پارتىيىسى. <يېڭى ۋەتەن پارتىيىسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. رەئىسى كامال. ئەنگلىيە قوشۇنلىرىنىڭ مىسىردىن چىقىپ كېتىشىنى، مىسىردا مىللىي مۇستەقىللىك ۋە دېموكراتك سىياسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. 1908 - يىلى كامال ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، مۇھەممەد فەرىد داھىي بولغان. بۇ پارتىيە ئوقۇغۇچىلار، ئىشچىلار ۋە باشقا ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئەنگلىيىگە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1909 - يىلدىن باشلاپ، ئەنگلىيە مۇستەملىكىچى دائىرىلىرى زىيانكەشلىكنى كۈچەيتىپ، فەرىد چەت ئەلگە قوغلانغان، تەشكىلات بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. (3) گېرمانىيە يۇنكېر - بۇرژۇئازىيىنىڭ ئەكسىيەتچىل سىياسىي پارتىيىسى. 1917 - يىلى 9 - ئايدا قۇرۇلغان. پارتىيە يولباشچىلىرىدىن دېڭىز ئارمىيە ئادمىرالى تىرپىچ، كاپ قاتارلىقلار بار. ئەزالىرى يۇنكېر - پومېشچىكلار، مىلىتارىست - بيۇروكراتلار، پۇل - مۇئامىلە كاپىتالىستلار، سانائەت ماگناتلىرى ۋە ئەكسىيەتچى پروفېسسورلاردىن تەركىب تاپقان. بۇ پارتىيە گېرمانىيىنىڭ جاھانگىرلىك ئۇرۇش سىياسىتىنى كۈچىنىڭ بارىچە قوللاپ، سىرتقا قارىتا كېڭەيمىچىلىك قىلىشنى تەرغىپ قىلغان. 1918 - يىلى 12 - ئايدا تارقىلىپ كەتكەن.