UyghurMain Dictionary
ۋەھھابىيلار ھەرىكتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
<مۇسۇلمانلار دىنىي ھەرىكىتى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يېقىنقى زامان ئىسلام دىنىغا دائىر ئىجتىمائىي ھەرىكەت كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ ھەرىكەتنى 18 - ئەسىردە ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى مۇھەممەد بىننى ئابدۇل ۋەھھاب قوزغىدى. <ھەق دىننى ئەسلىگە كەلتۈرۈش> نى، <>قۇرئان كەرىم< گە قايتىش> نى تەشەببۇس قىلدى. ھەممە بىدئەتلىكنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، بىر خۇدارلىقتا چىڭ تۇرۇشقا چاقىردى. ئەۋلىيالار، مازار - ماشايىخلارنى ۋە ئاللادىن ئۆزگە ھەر قانداق شەيئىنى تاۋاپ قىلىشقا قارشى تۇردى. ئىسلام دىنىنىڭ <چىن روھى> نى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، بۇ دىننىڭ ئەسلىدىكى قاتتىقلىقىنى ساقلاپ قېلىشنى تەشەببۇس قىلدى. ⅨⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرى بۇ مەزھەپ ئەرەب يېرىم ئارىلىدا بىر مەھەل روناق تېپىپ، 1801 - يىلىدىن 1804 - يىلىغىچە كەربالانى ئىشغال قىلىپ، شىئە مەزھىپىدىكى ھۈسەيىننىڭ مەقبەرسىنى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە مەسچىتنى چېقىۋەتتى. ئاندىن مەككە، مەدىنىگە ھۇجۇم قىلىپ 1811 - يىلى نەجدتە (بۈگۈنكى سەئۇدى ئەرەبىستانى ئىچىدە) ۋەھھابىيلار دۆلىتى قۇردى. كېيىن مىسر ۋالىسى مۇھەممەد ئەلى (1769 - 1849) نىڭ يىراققا يۈرۈش قىلغان قوشۇنى تەرىپىدىن باستۇرۇلدى. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرى ۋەھھابىيلار ھەرىكىتى قايتىدىن باش كۆتۈردى. 1901 - يىلى ئىبنى سەئۇد (1880 - 1953) نەجدنىڭ ئەمرى بولدى. 1924 - يىلى نەجد بىرلەشتۈرگەندىن كېيىن، 1932 - يىلى دۆلەت نامىنى سەئۇدى ئەرەبىستانى دەپ بېكىتتى ھەمدە دىنىي، سىياسىي جەھەتتە ئىسلاھات قىلىپ، ۋەھھابىيە ئەقىدىسىگە ئەمەل قىلىپ، بۇ مەزھەپنىڭ داھىيىسى بولدى.