UyghurMain Dictionary
ۋەھھابىيە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىسلامىيەتتە قەدىمكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان يېقىنقى زاماندىكى مەزھەپ بولۇپ، ۋەھھابىلار ھەرىكىتىمۇ دېيىلىدۇ. بۇ مەزھەپنى ⅧⅩ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى نەجد رايونىدىكى ئۆلىما مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇل ۋەھھاب (1703 - 1792) قۇرغان. ئۇلار ئۆزىنى <تەۋھىدچىلەر> دەپ ئاتايدۇ. بۇ مەزھەپ قۇرغۇچى ۋەھھابنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىپ، يېقىنقى زاماندىكى ئىسلام دىنىنى گۈللەندۈرۈش پىكىر ئېقىمى ۋە ھەرىكىتىنىڭ باشلامچىسى بولدى. مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇل ۋەھھابنىڭ دىنىي ئىدىيىسىگە سۈننىي مەزھىپىدىكى ھەنبەلىيەلەرنىڭ شەرىئەت تەلىماتى ۋە ئىبنى تەيمىيە (1263 - 1328) نىڭ قەدىمكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىدىيىسى قوبۇل قىلىنغان ھەمدە دەۋرنىڭ ئىللەتلىرى كۆزدە تۇتۇلۇپ، ۋەھھابىلارنىڭ دىننى گۈللەندۈرۈش يولىدىكى تەشەببۇسلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇل ۋەھھاب يازغان <رىسالە ئەل تەۋھىد>، <ئېتىقاد ئاساسلىرى>، <كەشفۇل مۇشكىلات> قاتارلىق ئەسەرلەر بۇ مەزھەپنىڭ ئەقىدە تەلىماتىنىڭ ئاساسىنى سېلىپ بەردى. بۇ مەزھەپ ئاساسلىقى ئەرەب يېرىم ئارىلىغا ۋە مىسىر، سۇدان، لىۋىيە، نېگرىيە، ھىندىستان، ھىندونېزىيە قاتارلىق جايلارغا تارقالدى ھەمدە دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا تەسىر كۆرسەتتى.
ۋەھھابىيە ئەقىدىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى مۇشرىكلىكنى ۋە ھەممە شەكىلدىكى بىدئەتلىكنى تۈگىتىپ، <>قۇرئان كەرىم< گە قايتىش>، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىكى ئىسلام دىنىنىڭ <توغرا يولى> نى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئاللانىڭ بىرلىكىنى تونۇيدىغان ئەقىدىگە قاتتىق ئەمەل قىلىشتىن ئىبارەت. بۇ مەزھەپنىڭ ئاساسىي تەشەببۇسى تۆۋەندىكىچە: (1) ئاللانىڭ بىرلىكىگە قاتتىق ئەمەل قىلىش، مۇشرىكلىككە ۋە بىدئەتلىككە قارشى تۇرۇش لازىم. ئاللانىڭ <توغرا يولى> دىن ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەسىيىتىدىن چەتنەپ كەتكەنلىكتىن، ئەرەب جەمئىيىتى ئارقىدا قالدى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئېتىقادى ئاجىزلىشىپ، مۇشرىكلىك ۋە بىدئەتلىك ئەۋج ئېلىپ كەتتى. ئىسلام جەمئىيىتىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئىسلام دىنىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە گۈللەندۈرۈش، مۇشرىكلىكنىڭ ھەممە ئىپادىلىرىنى يوقىتىش، يات دىنىي ئىدىيىلەرنىڭ ئىسلام دىنىنى بولغىشىغا قارشى تۇرۇش، تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ ۋەلى، ئەۋلىيالارنىڭ قەبرىسىگە ۋە ئىلاھىي نەرسىلەرگە سەجدە قىلىشىغا، ئاللا بىلەن ئىنساننىڭ ئوتتۇرىسىدا ئەپۇ سورايدىغان ۋاستىچى بولىدۇ، دەيدىغان تەشەببۇسقا قارشى تۇرۇش، ئىسلام دىنىنىڭ تۈپ ئېتىقادىنى - ئاللانىڭ بىرلىكىنى تونۇشىنى، ئىسلام دىنىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدىكى پاكلىقنى ۋە چىڭلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش لازىم، دەپ قارىدى. (2) دىندا <قۇرئان كەرىم> نى ۋە ھەدىس شېرىپنى ئاساس قىلىش لازىم. بۇ مەزھەپنىڭ قارىشىچە، <قۇرئان كەرىم> ۋە دەسلەپكى راس ھەدىسلەر مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقادى، ئەھكام چىقىرىشى، ئەخلاقىي ۋە شەخس ھەرىكىتىنىڭ ئالىي مىزانى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. دىندا <قۇرئان كەرىم> ۋە ھەدىسنى ئاساس قىلىش، <قۇرئان كەرىم> ۋە ھەدىستىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرىغا ئەمەل قىلىش، <قۇرئان كەرىم> ۋە ھەدىستىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىرىدىن قەتئىي ۋاز كېچىش لازىم. <قۇرئان كەرىم> ۋە ھەدىستىن چەتنەپ كەتكەن ھەر قانداق <يېڭىچە يول> غا قارشى تۇرۇش، تەسەۋۋۇپچىلار ۋە باتىنىيلارنىڭ <قۇرئان كەرىم> ئايەتلىرىنى مەخپىي چۈشەندۈرۈشىگە قارشى تۇرۇش، <قۇرئان كەرىم> نى يات دىنلارنىڭ قارشى بىلەن تەپسىر قىلىشقا قارشى تۇرۇش، ھەممە ئىشتا <قۇرئان كەرىم> نىڭ ئەسلىدىكى روھىغا قايتىشنى تەشەببۇس قىلىش لازىم. ھەنبەلىيە فەقىھلىرىنىڭ تەلىماتى بويىچە دىننىي ئىجرا قىلىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنى، مۇسۇلمانلار شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن دىنىي پەرزلەرنى ۋە مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىش كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلدى. (3) جەمئىيەت كەپىياتىنى تۈزەپ، كىشىلەرنىڭ <دىلى> نى پاكلاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى. بۇ مەزھەپنىڭ قارىشىچە، پاك دىل، ساددا تەبىئەت، ئالىيجاناب ئەخلاق ھەم مۇسۇلمانلارنىڭ زۆرۈر پەزىلىتى ھەم ئاللاغا ئىخلاس قىلىشنىڭ ئىپادىلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئېتىقادنىڭ ئاجىزلىشىشى، ئەخلاقنىڭ بۇزۇلۇشى كىشىلەرنى مۇقەررەر تۇيۇق يولغا كىرگۈزۈپ قويىدۇ، جەمئىيەتنىڭ چېرىكلىك، چۈشكۈنلۈك ئازگىلىغا پېتىپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. شۇڭا بۇ مەزھەپ جەمئىيەتتىكى ئىللەتلەرنى تۈگىتىپ، كىشىلەرنىڭ <دىلى> نى پاكلاشتۇرۇشنى، تەشەببۇس قىلدى. جازانە بېرىپ پايدا ئېلىش ۋە سودىدا ھىيلە بىلەن بولاپ - تالاشنى قاتتىق مەئى قىلدى. تاماكا چېكىشنى، ھاراق ئىچىشنى، قىمار ئويناشنى، زىنا قىلىشنى چەكلىدى، دىنىي مۇراسىملارغا مۇزىكا، ئۇسۇل كىرگۈزۈشكە قارشى تۇردى؛ چىرىكلىك، چۈشكۈنلۈك ۋە كىشىلىك قەدىر - قىممەتكە خىلاپ ھەممە بەھرىمەن بولۇشلارغا قارشى تۇردى؛ ئەيش - ئىشرەتنى ئەيىبلىدى. مەسچىتلەرنى كاتتا بېزەشنى چەكلىدى، يېپەك ۋە پۇزۇر كىيىملەرنى كىيىشنى، ئالتۇن، ياقۇتتىن ئىشلەنگەن زىبۇ زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقاشنى چەكلىدى. (4) مۇسۇلمانلارنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ، دۈشمەنگە بىرلىكتە قارشى تۇرۇشنى تەكىتلىدى. بۇ مەزھەپنىڭ قارىشىچە، مۇسۇلمانلار قەبىلىگە، ئىرققا ۋە نامرات، باي دەپ ئايرىلماسلىقى لازىم. ھەممەيلەن ئاللا ئالدىدا باراۋەردۇر. مۇسۇلمانلارنى ئورتاق ئېتىقاد بىرلەشتۈرۈپ تۇرىدۇ. <مۇسۇلمانلار قېرىنداشتۇر>. ئىختىلاپ ۋە ئاداۋەتنى تۈگىتىپ، ئۆز ئارا قىرغىنچىلىقنى توختىتىپ، <ئاللانىڭ يولى> نى قوغداش ئۈچۈن، بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، دۈشمەنگە ئورتاق قارشى تۇرۇش لازىم. (5) سىياسىي جەھەتتە، تۈركىيىلىكلەرنىڭ ئەرەب يېرىم ئارىلىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشىغا ۋە ئەنگلىيىنىڭ تاجاۋۇز قىلىشىغا قارشى تۇردى. بۇ مەزھەپ ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ چىرىكلىشىپ، چۈشكۈنلىشىپ كەتكەنلىكىنى، بىدئەتلىككە مەدەت بەرگەنلىكىنى، ئىسلام دۆلەتلىرىنى ئەزگەن ۋە بۇلاڭ - تالاڭ قىلغانلىقىنى، ئىسلام دىنىدىن تامامەن يۈز ئۆرىگەنلىكىنى ئەيىبلىدى. شۇنىڭ بىلەن تۈركىيە سۇلتانىنىڭ ئىسلام دىنىدىكى داھىيلىق ئورنىنى ئېتىراپ قىلمىدى. تۈركىيە ھاكىمىيىتىنى ئېتىراپ قىلمىدى. ئىسلام دىنىنىڭ پاكلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئەرەبلەرنىڭ ئۈستىگە ئالالايدىغانلىقىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويدى. ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ بىرلىكى ۋە مىللىي مۇستەقىللىقىنى جىھاد ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلدى.
مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇل ۋەھھاب باشتا نەجدتىكى يۇرتىدا دىنىي ئەقىدىسىنى تەشۋىق قىلىپ، قەبىلە خەلىپىسى ئىبنى مۇئەممەلەرنىڭ قوللىشىغا ئىگە بولدى ھەمدە بىر قىسىم كىشىلەرنى جەلىپ قىلدى. كېيىن ھاشائ رايونىنىڭ ئەمەلدارى ئەنئەنىۋى ئېتىقادقا بۇزغۇنچىلىق قىلدى، دېگەن باھانە بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ ئارىلاشتى، مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇل ۋەھھاب يۇرتىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى. 4517 - يىلى دارىيەدىكى ئانازا قەبىلىسىگە كەلدى. مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇل ۋەھھابنىڭ دىنىي ئىسلاھات تەشەببۇسىنى خەلىپە مۇھەممەد بىننى سەئۇدى ئابدۇل ۋەھھاب بولسا ئىبنى سەئۇدىنىڭ سىياسىي بىرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش توغرىسىدىكى تەشەببۇسنى قوللىدى. ئىبنى سەئۇدى بىلەن مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇل ۋەھھاب دىنىي، ھەربىي ئىتتىپاق تۈزدى. مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇل ۋەھھاب ئىماملىقنى ئۈستىگە ئېلىپ، دەرس ئۆتۈپ، دىنىي تەبلىغات بىلەن شۇغۇللىنىپ، بۇ قەبىلىنىڭ قوراللىق كۈچلىرى ئارىسىدا دىنىي ئەقىدىنى تارقاتتى. شۇنىڭدىن كېيىن، ۋەھھابىيە بىلەن سەئۇدى جەمەتىنىڭ كۈچى تېز تەرەققىي قىلدى. 1765 - يىلى مۇھەممەد ئىبنى سەئۇدى ۋاپات بولۇپ، ئوغلى ئابدۇل ئەزىز خەلىپىلىككە ۋارىسلىق قىلغاندىن كېيىن، ۋەھھاب ئەقىدىسىنى داۋاملىق يولغا قويدى ۋە سىرتنى بويسۇندۇرۇش يولىدا ئۇرۇش قىلدى. 1773 - يىلى نەجدنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، رىيادنى ئىشغال قىلدى. 1792 - يىلى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇل ۋەھھاب ۋاپات بولۇپ، ئابدۇل ئەزىز ۋەھھابلارنىڭ ئىمامى بولدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن سەئۇدى جەمەتىنىڭ ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا قالىدىغان ھاكىمىيەت بىلەن دىن بىرلەشتۈرۈلگەن دۆلەت تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىندى. ۋەھھابىلار 1792 - يىلى ئىراقتىكى كەربالانى ئىشغال قىلىپ، ھۈسەيننىڭ قەبرىسىنى چېقىۋەتتى. مەككە، مەدىنىنى باشقۇرۇۋاتقان ھۈسەيىن ئىبنى ئەلىنى تەسلىم بولۇشقا مەجبۇرلىدى ھەمدە پۈتكۈل ھىجاز رايونىنى تۈركلەرنىڭ قولىدىن تارتىۋالدى. كېيىن ھەزارنىمۇ بېسىۋالدى. 1805 - يىلى ئوسمانلى ھۆكۈمرانلىقىدىكى سۈرىيە ۋە ئىراققا ھۇجۇم قىلدى. 1811 - يىلى سەئۇدى جەمەتى ھۆكۈمرانلىق قىلغان تۇنجى ۋەھھابىيە سۇلالىسىنى قۇردى. ئوسمانلى سۇلتانى مىسىرنىڭ ۋالىسى مۇھەممەد ئەلىنى قوشۇن باشلاپ بېرىپ باستۇرۇشقا بۇيرۇدى. يەتتە يىل ئۇرۇشۇش ئارقىلىق، سەئۇدى سۇلالىسىنىڭ پايتەختى 1818 - يىلى ۋەيران قىلىۋېتىلدى. ئەمىر ئابدۇللا بىننى سەئۇدى ئىستامبولغا ئېلىپ بېرىلىپ ئۆلتۈرۈۋېتىلدى. سەئۇدى ئوردىسىدىكىلەر كۇۋەيتكە قېچىپ كەتتى. ۋەھھابى مۇخلىسلىرى باياۋانغا قوغلىۋېتىلدى.
سەئۇدى ئوردىسىدىكى ئابدۇل ئەزىز بىننى سەئۇدى ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا كۇۋەيىتتى يۇرتىغا يېنىپ كېلىپ، كونا قوشۇننى توپلاپ رىئادنى قايتۇرۇۋېلىپ، ئاندىن نەجد رايوننى بىرلىككە كەلتۈردى. ئابدۇل ئەزىز 1910 - يىلى <ئىخۋان ئەل تەۋھىد> تەشكىلىنى قۇرۇپ، ۋەھھابىيە ئەقىدىسىنى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇردى ھەمدە ھەربىي، سىياسىي، ئىقتىساد، دىن قاتارلىق جەھەتلەردە ئىسلاھات ئېلىپ باردى. ئىخۋان ئەل تەۋھىد تەشكىلاتى دىن، ھەربىي ئىشلار، ئىلەپچىقىرىش ساھەسىدىكى ئۇنىۋېرسال تەشكىلاتقا تەرەققىي قىلدى. ئەزالىرىنىڭ ئۈزلۈكسى كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇلار نەجدتىكى دېھقانچىلىق رايونلىرىغا كۆچۈپ بېرىپ، نۇرغۇن <ھىجرىيە رايون> لىرىنى پەيدا قىلىپ، يېڭى دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئاساس سالدى. 1921 - يىلىدىن 1925 - يىلىغىچە رەشىد جەمەتىنىڭ زېمىنلىرىنى بويسۇندۇردى. ئاندىن ھىجازنىڭ پادىشاھى ھۈسەيننىڭ تەۋەلىكىگە ھۇجۇم قىلىپ، تائىف، مەككە، مەدىنە، جىددەنى ئىشغال قىلىۋالدى. ئاندىن كېيىن ناسىرنى بېسىۋالدى. ئابدۇل ئەزىز بىننى سەئۇدى <ھىجازنىڭ پادىشاھى ۋە نەجدنىڭ ۋە نەجدكە قاراشلىق جايلارنىڭ سۇلتانى> بولدى. دۆلەت ئىسمى 1932 - يىلى 9 - ئايدا سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھلىقى دەپ بېكىتىلدى. ۋەھھابىيە ئەقىدىسى دۆلەت دىنى قىلىندى.