UyghurMain Dictionary
ۋەفا
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئەھد، ساداقەت، ۋەدىدە تۇرۇش، ۋاپا:
دائىميلىق، ئەبەدىيلىك:
ئىشەنچ:
1. مەن ۋەفا قىلغانسارى ئارتار جەفاسى يارنىڭ.
دەردىمە نۇشى لەبىدىن بىر دەۋايى تاپمادىم.
ئەرشى.
2. قىلمادى جەمىشىدۇ ئىسكەندەرگە بۇ دۇنيا ۋەفا،
چالغىل، ئەي مۇترىب، رەبابۇ قانۇنۇ سەتارىنى.
قەلەندەر.
2. چۇ بەندەر سەرىرىن ئاڭا تاشلادىم،
ئىتىغە ۋەفالىق ئىشىن باشلادىم.
ئا. نىزارى.