UyghurMain Dictionary
ۋەسىيەت بويىچە ۋارىسلىق قىلىش
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ۋەسىيەت قالدۇرغۇچىنىڭ مىراسىنى شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن ئۇسۇل بويىچە تەقسىم قىلىشى ھەمدە ۋاپات بولغاندا كۈچكە ئىگە بولىدىغان قانۇنىي ھەرىكىتى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ قانۇنلىرىدا ۋەسىيەت يازما شەكىلدە بولۇشى كېرەكلىكى بەلگىلەنگەن. لېكىن، ئىسلام شەرىئىتىدە بەلگىلىنىشىچە ۋەسىيەت ئاغزاكى شەكىلدە بولسىمۇ بولىدۇ. شۇڭا ۋەسىيەت بويىچە ۋارىسلىق قىلىش دېگەندە، مەرھۇمنىڭ ھايات چېغىدا مىراسنى ۋەسىيەت قالدۇرۇش شەكلى بىلەن تەقسىم قىلىپ بېرىشى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ ئەرەبلەرنىڭ ئىسلام دىنى گۈللىنىشتىن بۇرۇنقى مىراسنى تەقسىم قىلىش شەكلى قىلىنغانىدى. كېيىن <قۇرئان كەرىم> دە ۋارىسلىق قىلىشنىڭ پەرزلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ۋەسىيەت بويىچە ۋارىسلىق قىلىش چەكلىمىگە ئۇچرىدى. لېكىن، بۇنداق ۋارىسلىق سۈننەت نامى بىلەن شەرىئەتتە ساقلىنىپ قالدى.