UyghurMain Dictionary
ۋالكېر
دۇنيا تارىخى
(1824 - 1860) ئامېرىكا سىياسىي تەۋەككۈلچىسى. 1853 - يىلى توپىلاڭچىلارنى باشلاپ، مېكسىكىغا بېسىپ كىرىپ پاراكەندىچىلىك سېلىپ، تۆۋەن كالىفورنىيە بىلەن سونورانىڭ <مۇستەقىل> بولۇشىنى پىلانلاپ، مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن قېچىپ كەتكەن. 1855 - يىلى ئاز سانلىق توپىلاڭچىلارنى باشلاپ، نىكاراگوئاغا كېلىپ توپىلاڭ كۆتۈرۈشكە ئۇرۇنغان؛ ئىككىنچى يىلى نىكاراگوئانىڭ <زۇڭتۇڭلۇق> ئەمىلىنى تارتىۋالغان ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن. نىكاراگوئادا قۇللۇق تۈزۈمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بۇيرۇق چۈشۈرگەن ھەمدە پۈتكۈل ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسىنى ئىگىلىۋېلىشنى پىلانلىغان. 1857 - يىلى ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسىدىكى بەش دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغاندا، ئامېرىكا پاراخوتىغا ئولتۇرۇپ دۆلىتىگە قايتقان. شۇنىڭدىن كېيىن ئىككى قېتم توپىلاڭچىلارنى يىغىپ، نىكاراگوئا ۋە ھوندۇراسقا بېسىپ كىرىپ پاراكەندىچىلىك تۇغدۇرغان. 1860 - يىلى ئەنگلىيىلىكلەر تەرىپىدىن تۇتۇۋېلىنىپ، ھوندۇراس ھۆكۈمىتىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەندىن كېيىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان.