UyghurMain Dictionary
ۋالدو مەزھىپى
دۇنيا تارىخى
<لېئان كەمبەغەللەر مەزھىپى> مۇ دېيىلىدۇ. خرىستىئان بىدئەت مەزھىپى. تەخمىنەن 1170 - يىلى فرانسىيىنىڭ لېئان شەھىرىدىكى سودىگەر پېئېر ۋالد (؟ - 1217) قۇرۇپ چىققان. دەسلىپىدە ئىتالىيىنىڭ شىمالىي ۋە فرانسىيىنىڭ جەنۇبىغا تارقالغان، كېيىن گېرمانىيە، شۋېتسارىيە ۋە چېخقا تارقالغان. بۇ مەزھەپ يوقسۇللۇقنى تەشەببۇس قىلىپ، كاتولىك چېركاۋلىرىنىڭ مال - مۈلۈك ئىگىلىشى ۋە ئۆشرە - زاكات يىغىشىغا قارشى تۇرۇپ، مىسسىئونېرلار رىياسەتچىلىكى ھەر خىل دىنىي مۇراسىملارنى ئىنكار قىلغان، مۇقەددەس سۈرەت، بۇتلارغىمۇ چوقۇنمىغان. مۇرىتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى قول سانائەتچىلەر ۋە دېھقانلاردىن ئىبارەت. دىنىي سوتنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان. ⅩⅥ ئەسىردە دىنىي ئىسلاھات ھەرىكىتىگە قاتناشقان. بۇ مەزھەپنىڭ بەزى تەشكىلاتلىرى ⅩⅩ ئەسىرگىچە مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن.