UyghurMain Dictionary
ۋالىي
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ھاكىم؛ ۋىلايەت ھۆكۈمدارى، باشلىق، ھۆكۈمدار؛ پادىشاھ:
ھەم خەيلى بەنى ئەسەدغە ۋالىي،
يۈز خەيلى بەنى ئەسەدچە مالى.
نەۋايى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ۋىلايەتنىڭ مەمۇرىي باشلىقى.
<جۈنيۇەن> خەنزۇچە: 专员. ئېغىز تىلىدا ئىشلىتىلىدۇ.
<دوتەي>، <تىتەي> لەر چىڭ سۇلالىسى ۋە مىنگونىڭ باشلىرىدا بولغان.
ئازادلىقتىن كېيىن، ئاقسۇ ۋىلايىتىگە تۇنجى ۋالىي بولغان مەمتىمىن خەلپەت ھاجىيوۋ <مەدەنىيەت ئىنقىلابى> دا زىيانكەشلىككە ئۇچراپ، ئەلەم بىلەن جان ئۈزدى. <دوتەي، تىتەي> لەر ھازىر قوللىنىلمايدۇ، تارىخىي سۆزلەر بولۇپ قالدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ۋىلايەت باشلىقى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
باشقۇرغۇچى، ۋىلايەت باشلىقى؛ ھەممىنىڭ ئىگىسى