UyghurMain Dictionary
ۋالىدە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئانا:
بۇ مەۋجمۇئ بىلو يۈرۈر بولدى جەزم،
قىلىپ ۋالىدەين بۇلار بىرلە ئەزم.
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
بالا تۇققۇچى، تۇققان ئانا، ئانا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بالا تۇغقان، بالىلىق بولغان ئايال؛ ئەڭ قەدىرلىك نەرسىگە تىمسال.
«ئىنە» لوپنۇر دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ. «ۋالىدە» كلاسسىك ئەدەبىياتتا ئۇچرايدۇ، ھازىر ئىستېمالدىن قالغان، ئارخائىزم.
ئانا مەكتەپ. ئانا ۋەتەن. ئانا تىل. ئانا يېتىم _ گۈل يېتىم، ئاتا يېتىم _ كۈل يېتىم. ئاناڭغا رەھمەت. ئانا كۆرۈپ قىز ئال. ئانا ئايىغىدا جەننەت بار. تاپقان ئاناڭ ئەمەس. باققان ئاناڭ. ئانا بىر قولى بىلەن ئۇرىدۇ، بىر قولى بىلەن كېپەككە ساتىدىكەنمەن. ۋالىدە ۋالىيدىن چوڭ، ۋەلىدىن ئۇلۇغ.