UyghurMain Dictionary
تۇغلۇق سۇلالىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1320 - 1413) دېھلى سۇلتانلىقىنىڭ 3 - سۇلالىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ھىندى دىنىدىكى نەسىرۇلددىن خۇسراۋ تەختىنى قولىغا ئېلىۋالغاندىن كېيىن، غوجراتلارنى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىپ، ئىسلام دىنىغا ئۆچمەنلىك قىلغاچقا، مۇسۇلمان ئاقسۆڭەكلەر تەرىپدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلدى. كېيىن غىياسىدىن تۇغلۇق (1320 - يىلىدىن 1325 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) سۇلتان بولدى. شۇڭا سۇلالە نامى تۇغلۇق سۇلالىسى دەپ ئاتالدى. تۇغلۇق ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە مەمۇرىي باشقۇرۇشنى چىڭىتتى، باج تۈزۈمىنى تەڭشىدى. خەزىنىنى تولۇقلىدى. دىنىي مەجبۇرىيەتلەرنى ئەستايىدىل ئادا قىلدى. ئۇنىڭ ئوغلى مۇھەممەد تۇغلۇق (1325 - يىلىدىن 1351 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) ئىمپېرىيىنىڭ جەنۇبىي چېتىگىچە كېڭەيتتى ھەمدە دەۋلەتاباد قۇردى. دىككاننى كونترول قىلىشنى كۈچەيتتى. 1335 - يىلىدىن 1338 - يىلىغىچە خۇراسانغا ۋە شىمالدىكى تاغلىق رايونلارغا يۈرۈش قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازنالمىدى. 1341 - يىلى جۇڭگو ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە ئىبنى بەتۇتەنى جۇڭگو پادىشاھى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن يولغا سالدى. ھەر يىلى داۋاملىشىۋاتقان سەپەر تۈپەيلىدىن خەزىنە قۇرۇقدىلىپ، باج - سېلىق ئېغىرلىشىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە تەبىئىي ئاپەت بولۇپ، ھەممە يەردە مالىمان چىقتى. ھىندىلارغا قوللىنىلغان قويۇۋېتىش سىياسىتىدىن ئەنئەنىچى مۇسۇلمانلار نارازى بولدى. 1347 - يىلى دېئوفىردا توپىلاڭ بولۇپ، دەۋلەتابادتا بەھمەنى خاندانلىقى قۇرۇلدى. فىروز تۇغلۇق دەۋرىدە ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھات ئېلىپ باردى. 1353 - يىلى بېنگال، جاناتال ۋە سىندقا يۈرۈش قىلدى. 1353 - يىلى خەلىپە ئابباس تەرىپىدىن ئىنئام بېرىلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئىچكى مالىمانچىلىق ۋە پۇت تېپىشىش ئۈزۈلمىدى. 1397 - يىلىدىن 1399 - يىلىغىچە موڭغۇللار ھىندى دەرياسىدىن ئۈچ قېتىم ئۆتۈپ، دېھىلى قاتارلىق جايلارنى بۇلىدى. سۇلتان مەھمۇد بىننى مۇھەممەد (3931 - يىلىدىن 1395 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) 1412 - يىلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، سۇلالە يوقالدى.