UyghurMain Dictionary
تۇغلۇق تۆمۈرخان مازىرى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ مازار شىنجاڭنىڭ قورغاس ناھىيىسىدە بولۇپ، مىڭ سۇلالىسى ( 1368 _ 1644 ) نىڭ باشلىرىدا ( تەخمىنەن XIV ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ) قويۇق ئىسلام بىناكارلىق ئۇسلۇبىدا سېلىنغان. ئاق گۈمبەز پۈتكۈل قۇرۇلۇشنىڭ ئوتتۇرىسىدا گەۋدىلەندۈرۈلگەن، دەرۋازا تەرەپتىكى تام كۆك رەڭ ئاساس قىلىنغان رەڭلىك ساپال بىلەن نەقىشلەنگەن. نەقىشنىڭ گۈللىرى ھەر خىل، بەك چىرايلىق چىقىرىلغان. يەرلىك ئىچىدە ئېللىپىس شەكللىك ئىككى قەبرىنىڭ بىرى چوڭ، يەن بىرى كىچىك بولۇپ، چوڭى تۆمۈرخاننىڭ، كىچىكى خانىشنىڭ قەبرىسى ئىكەن. بەزىلەر ئۇنى بالىلىرىنىڭ قەبرىسى دەيدۇ.