UyghurMain Dictionary
تۈزلەڭلىك
يەر يۈزى قىياپىتى
تۈزلەڭلىكلەر قۇرۇقلۇقتىكى ئەڭ تەكشى رايون بولۇپ، خۇددى يەر يۈزىگە سېلىنغان يېشىل گىلەمگە ئوخشاش تەكشى، چەكسىز كەڭ كەتكەن بولىدۇ. تۈزلەڭلىكنىڭ يەر تۈزۈلۈشى كەڭ، پەس بولۇپ، ئېگىز - پەسلىك پەرقى ناھايىتى كىچىك، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى كۆپىنچە200 مېتىردىن تۆۋەن بولىدۇ. دۇنيادىكى تۈزلەڭلىكلەرنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى يەر شارى قۇرۇقلۇق كۆلىمىنىڭ تەخمىنەن4 /1 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ.
تۈزلەڭلىكنى ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ، بىر خىلى، تىنما تۈزلەڭلىك بولۇپ، ئاساسلىقى دەريا تىنمىلىرىدىن شەكىللىنىدۇ. ئۇ يەر يۈزى تەكشى، كۆلىمى چوڭ بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە، كۆپىنچە چوڭ دەريالارنىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئېقىمىدىكى ئىككى قىرغاق رايونىغا جايلاشقان. يەنە بىر تۈرى يالانما تۈزلەڭلىك بولۇپ، ئاساسلىقى دېڭىز سۈيى، شامال، مۇزلۇق قاتارلىق تاشقى كۈچلەرنىڭ داۋاملىق ئۇپرىتىشى، پارچىلىشىدىن شەكىللىنىدۇ. بۇ خىل تۈزلەڭلىكلەر يۈزىنىڭ ئېگىز - پەسلىك پەرقى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ.
ئېلىمىزدىكى شىمالىي جۇڭگو تۈزلەڭلىكى يېرى كەڭ تىپىك ئېقىندى تۈزلەڭلىكتىن ئىبارەت. ئۇ بۇنىڭدىن130 مىليون يىل ئىلگىرىكى يەنشەن تېغى ھەرىكىتى دەۋرىدە شەكىللەنگەن. ئەينى ۋاقىتتا ئېلىمىزنىڭ شىمالىي قىسىم رايونىدا بىر قېتىملىق كۈچلۈك يەر پوستى ھەرىكىتى يۈز بەرگەن بولۇپ، سەنشى بىلەن خېبېينىڭ چېگرىسىدىكى بەلۋاغ توساتتىن كۆتۈرۈلۈپ چىقىپ ئېگىز - ھەيۋەتلىك تەيخاڭشەن تېغى شەكىللەنگەن. شەرق تەرىپىدىكى شىمالىي جۇڭگو تۈزلەڭلىكى ئۈزۈلۈپ تۆۋەنگە ئولتۇرۇشۇپ، دېڭىز سۈيىگە غەرق بولغان. بۇنىڭدىن30 مىليون يىل ئىلگىرىكى ھىمالايا ھەرىكىتى مەزگىلىگە كەلگەندە، تەيخاڭشەن تېغى يەنە بىر قېتىم كۆتۈرۈلگەن، شەرقىي قىسىمدىكى رايونلار بولسا داۋاملىق ئولتۇرۇشقان. بۇ خىل غەربى ئېگىز، شەرقى پەس بولغان يەر تۈزۈلۈشىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئەگىشىپ، غەربىي قىسىمدىكى سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكلەردىن باشلانغان دەريالار كۆپ مىقداردىكى لاي - قۇملارنى ئېلىپ مېڭىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە شەرقىي قىسىمدىكى پەس جايلارنى يالاپ تۆۋەنگە ئاققان، دەريالارنىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئېقىم رايونلىرىغا كەلگەندە سۇ يۈزى كېڭىيىپ، يەر تۈزۈلۈشى تەكشىلەنگەن. بۇنىڭ بىلەن دەريا سۈيىنىڭ ئېقىش سۈرئىتى زور دەرىجىدە ئاستىلاپ، ئېلىپ كەلگەن لاي - قۇملارمۇ ئاستا - ئاستا چۆكمىلەشكەن. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ تاغ ئېتىكىنىڭ شەرق تەرىپىدە بىر يەلپۈگۈچسىمان تىنما تۈزلەڭلىك شەكىللەنگەن، بۇنىڭ ئىچىدە خۇاڭخې دەرياسى قىرغىقىدىكى قەدىمكى يەلپۈگۈچسىمان تىنما تۈزلەڭلىكنىڭ كۆلىمى ئەڭ چوڭ. خۇاڭخې دەرياسى، خەيخې دەرياسى، لۇەنخې دەرياسى قاتارلىق سۇ سىستېمىلىرى ھەر يىلى كۆپ مىقداردىكى لاي - قۇملارنى ئېلىپ كېلىپ، غەربتىن شەرققە قاراپ ئېقىپ يەر يۈزىنى يالىغان ۋە شەرقىي قىسىمدىكى پەس - ئويمان رايونلارنى تىندۇرغان، نەتىجىدە قەدىمكى يەلپۈگۈچسىمان تىنما تۈزلەڭلىكلەرنىڭ كۆلىمى داۋاملىق تۈردە شەرققە قاراپ كېڭەيگەن، ئەڭ ئاخىردا بىپايان تەكشى بولغان شىمالىي جۇڭگو تۈزلەڭلىكى شەكىللەنگەن.
ئېلىمىزدىكى تۈزلەڭلىكلەرنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن1 مىليون كۋادرات كىلومېتىردىن ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەت يەر كۆلىمىنىڭ10 /1 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. شىمالىي جۇڭگو تۈزلەڭلىكىدىن باشقا يەنە شەرقىي شىمال تۈزلەڭلىكى ۋە چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا - تۆۋەن ئېقىمى تۈزلەڭلىكى بار. دۇنيانىڭ باشقا رايونلىرىدىكى داڭلىق چوڭ تۈزلەڭلىكلەردىن: روسىيىدىكى غەربىي سىبىر تۈزلەڭلىكى، جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى ئامازون تۈزلەڭلىكى، ھىندىستاندىكى گانگ دەرياسى تۈزلەڭلىكى، شىمالىي ئامېرىكىدىكى مىسسىسىپى تۈزلەڭلىكى قاتارلىقلار بار.
تۈزلەڭلىك رايونلارنىڭ كۆلىمى چوڭ، تۇپرىقى مۇنبەت، سۇ تورلىرى زىچ، قاتنىشى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتى بىرقەدەر بالدۇر بولغان جايلار ھېسابلىنىدۇ. تارىختىكى تۆت چوڭ مەدەنىيەتلىك قەدىمىي دۆلەتنىڭ ھەممىسى چوڭ دەريالارنىڭ ئەتراپلىرىدىكى تۈزلەڭلىكلەردە راۋاجلىنىپ بارلىققا كەلگەن؛ ئېلىمىزدىكى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا - تۆۋەن ئېقىمى تۈزلەڭلىكىنىڭ ئەزەلدىن «بېلىق - گۈرۈچ ماكانى» دېگەن گۈزەل نامى بار. تۈزلەڭلىكلەرنىڭ يەر ئاستىدىكى بەزى گېئولوگىيىلىك تۈزۈلۈشلەر كۆمۈر ۋە نېفىت قاتارلىق قېزىلما بايلىقلارنىڭ شەكىللىنىشىگە پايدىلىق، نۇرغۇنلىغان مۇھىم كۆمۈر كان ۋە نېفىتلىكلەر دائىم تۈزلەڭلىك رايونلاردا بايقالغان. بۈگۈنكى كۈندىكى چوڭ قۇرۇقلۇقلارنىڭ چەتلىرىدىكى تېيىز دېڭىزلار ئەمەلىيەتتە ۋاقىتلىق سۇ بېسىپ كەتكەن تۈزلەڭلىك بولۇپ، ئۇ جايدىكى كۆمۈر، بولۇپمۇ نېفىتنىڭ زاپاس مىقدارى ناھايىتى مول.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئېگىز - پەس ئەمەس، تۈز كەتكەن بىپايان كەڭ جاي.
داۋاندىن پەسلەپ، ئوقتەك تېز ماڭغان ھارۋا بىرھازادىن كېيىن كەڭ تۈزلەڭلىككە چىقتى.
<جۇغ> دېڭىز يۈزىدىن تۆۋەن كەڭ تەكشىلىك.
ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك.