UyghurMain Dictionary
تۈزگۈچى گېن
بىئولوگىيە
بىر ئاقسىل (ئېنزىم) ياكى بىر تال پولى پېپتىد زەنجىرىنىڭ تۈزلۈشىنى بەلگىلەيدىغان گېن. تۈزگۈچى گېنىدىكى مۇئەييەن نۇكلېئوتىد تەرتىپى، رىبوزومىدا ماس ھالدىكى كۆپ پېپتىد زەنجىرىنىڭ ئامىنو كىسلاتا تەرتىپىگە تەرجىمە قىلىنىدىغان كۆچۈرۈلىدىغان mRNA دىكى نۇكلېئوتىد تەرتىپىنى بەلگىلەيدۇ. شۇڭلاشقا تۈزگۈچى گېننىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەھسۇلاتى ئاقسىل (ئېنزىم) ياكى پولى پېپتىد زەنجىرى بولىدۇ. ئەگەر تۈزگۈچى گېن مۇتاتسىيىلەنسە سىنتېزلانغان ئاقسىل (ئېنزىم) ياكى پولى پېپىتىد زەنجىرىنىڭ تۈزۈلۈشىمۇ ماس ھالدا ئۆزگىرىدۇ. مەسىلەن، باكتېرىيىنىڭ ئارگىنىنى ئوپىرونىدىكى مەلۇم تۈزگۈچى گېن مۇتاتسىيىلەنسە، ئارگىنىن سىنتېزلىنىش جەريانىدا بۇ گېن بىلەن بەلگىلىنىدىغان ئېنزىمنىڭ فۇنكىسىيىسى يوقىلىپ بۇ باكتېرىيىدە ئارگىنىن ھاسىل بولماستىن، ئارگىنىن كەمچىل تىپ بولۇپ قالىدۇ، ئۆستۈرگۈچكە سىرتتىن ئارگىنىن قوشقاندىلا ئاندىن ئۆسەلەيدۇ.