UyghurMain Dictionary
تىتىشدى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تىتىشتى.
ئول ماڭا يۇڭ تىتىشدى _ ئۇ ماڭا يۇڭ تىتىشىپ بەردى، تىتىشتا بەسلىشىشكىمۇ مۇشۇ سۆز ئىشلىتىلىدۇ ( تىتىشۇر _ تىتىشماق). ماقالدا مۇنداق كەلگەن: سۆكۈشۈپ ئۇرشۇر ئوترا تون تىتىشۇر _ سۆكۈشۈپ (تىللىشىپ) ئۇرۇشار، ئارىدا تون تىتىلار، يەنى سۆكۈشۈشتىن ئۇرۇش چىقىپ، ئارىدا چاپان يىرتىلىدۇ. بۇ ماقال كىشىلەرنى سۆكۈشۈش، تىللىشىشتىن ئۆزىنى تارتىشقا ئۈندەپ ئېيتىلىدۇ.
2 - 118