UyghurMain Dictionary
تىتىك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىلىم - پەن، ئەخلاق - پەزىلەتلەردە مەلۇم دەرىجىدە كامالەتكە يەتكەن.
«ئالىم» ئىلمدا يۇقىرى بىلىم ھاسىل قىلغان، مەلۇم نەتىجە ياراتقان كىشىنى كۆرسىتىدۇ.
«دانىش» ، «دانا» ، «ئاقىل» ، ئەقىللىق، زېرەك كىشىلەرگە قارىتىلغان.
«بىلمدان» بىلملىك، جىق بىلىم ئىگ
ئالىمنىڭ ئالدىدا ئاغزىڭنى ئاچما. ناداننىڭ تىرىكى ئۆلۈك، ئالىمنىڭ ئۆلۈكى تىرىك. ئالىم بولساڭ، ئالەم سېنىڭ. دانىشقىمۇ بىلىم كېرەك. دانانىڭ سۆزىگە كېپىلنىڭ كېرىكى يوق. دانالار سۆزى _ كۆڭۈلنىڭ كۆزى. ئاقىل ئۆزىنى ئايايدۇ. ئاقىلغا ئىشارەت نادانغا جۇۋالدۇرۇز . بىلىمداننىڭ بىلىمى كېچىنى يۇرىتىدىغان چىراغ. ئۆز ئۆيىدە قارىغۇ چاشقانمۇ دانىشمەن. پازىل پەزىلىتى بىلەن ئەزىز.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
جىسمانىي ۋە ياكى روھىي جەھەتتىن غەيرىي نورماللىق ھالىتى.
«بولماق»،«قىلماق» بىلەن پېئىللىشىدۇ.
بۇنداق ھالەتنىڭ ئېتىغا پەقەت «كېسەل» قوشۇلۇپ كېلىدۇ.
كېسىلىگە قاراپ دورىسى. ئاغرىقىنى يوشۇرساڭ، ئۆلۈمى ئاشكارا. «ئاغرىقمەن» دەيدۇ، ھەممىنى يەيدۇ. خەستەكىشىگە خەت كېسىلمەيدۇ. دەرد باشقا، ئەجەل باشقا. دەرد كەلسە، دەرماق كېتەر. بىتاپ بولساڭ، ئاپتاپقا چىق. بىمار بولغانغا ھەسەلمۇ ئاچچىق. ئۇ كەم بولۇپ قاپتۇ، ئىشقا چىقالمايدىكەن، - دېدى. ئۇنىڭ بۈگۈن تاۋى يوق، مەجلىسكە بارالمايدۇ. مىجازم يوق، ئاغرىقچان بولۇپ قالدىم.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سۇ ئارىلاشتۇرۇش ياكى نەم تېگىشتىن ھاسىل بولغان يۇمشاق ۋە يېپىشقاق توپا.
سۇ باشتىن لاي. ئىشنىڭ تېگى لاي. ئادەمگە ئەقىل كېرەك، پاتقاققا شېغىل.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئاغرىق.
باش تىتىك تىتتى _ يارا بەك ئاغرىدى. بۇ شەكىلدىكى سۆزلەر پەقەت تەكىتلەش مەنىسىدە ئىشلىتىلىدۇ. ئول ئەرىڭ ئۇرۇغ ئۇردى _ ئۇ ئادەمنى قاتتىق ئۇردى. ئول قاچىغ قاچدى _ ئۇ قاتتىق قاچتى.
1 - 501
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
لاي، پاتقاق.
1 - 502
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
① ئەقىللىق، دانىشمەن؛ ماھىر، جانلىق، تېتىك؛ ② ئالىم
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
چېچىلغان؛ ئېقىتىلغان