UyghurMain Dictionary
تىرپىتز
دۇنيا تارىخى
(1849 - 1930). گېرمانىيە دېڭىز ئارمىيە ئادمىرالى، دېڭىز ئارمىيە ۋەزىرى. بۇرژۇئازىيە ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، كېيىن ئاقسۆڭەكلىك مەرىۋىسى بېرىلگەن. 1865 - يىلىدىن باشلاپ دېڭىز ئارمىيە فلوتىدا ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن. 1890-يىلى گېرمانىيە بالتىق دېڭىز فلوتىنىڭ شتاب باشلىقى بولغان. 1892-يىلى گېرمانىيە بالتىق دېڭىز فلوتىنىڭ شتاب باشلىقى بولغان. 1892 - 1895 - يىللاردا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ شتاب باشلىقى بولغان. 1896 - 1897 يىللاردا گېرمانىيىنىڭ شەرقىي ئاسىيا ئوكيان چارلاش فلوتىغا قوماندان بولۇپ، فلوتنى باشلاپ جۇڭگونىڭ جياۋجۇ قولتۇقىنى بېسىۋالغان. 1897 - 1916 - يىللاردا دېڭىز ئارمىيە ۋەزىرى بولغان. بۇ مەزگىلدە ئۇ مۇستەملىكچىلىك، كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى ئاكتىپ يۈرگۈزۈپ، ئەنگلىيە بىلەن دېڭىز ئارمىيە رىقابىتىنى قانات يايدۇرۇپ، فلوت قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتكەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، چەكلىمىسىز سۇ ئاستى پاراخوتى ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىشنى ئاكتىپ تەشەببۇس قىلغانلىقتىن، باش ۋەزىر بېتمانن - خولۋېگە بىلەن ئىختىلاپ يۈز بېرىپ، 1916ىلى 3-ئايدا ۋەزىپىدىن بوشىتىلغان. 1917-يىلى 9-ئايدا كاپ قاتارلىقلار بىلەن بىللە ئەكسىيەتچىل <ۋەتەن پارتىيىسى> نى ئۇيۇشتۇرۇپ، گېرمانىيە جاھانگىرلىكىنىڭ ئۇرۇش سىياسىتىدە چىڭ تۇرغان. 1924 - 1928 - يىللاردا گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى بولغان. ئۇنىڭ <ئەسلىمىلەر> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.