UyghurMain Dictionary
تىر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئوق، كامان ئوقى، يا ئوقى.
ئاتارۇد. مىر كۇرىي پىلانېتىسى.
ئۇزۇن، تىك ياغاچ، ماچتا. كېمە ۋە باشقىلارنى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئوق ( ئوقيانىڭ ئوقى):تىرى خەدەڭگى - كامان ئوقى؛ تىرى باران - ئوق يامغۇرى؛ تىرى مىژگان - كىرپىك ئوقى؛ تىرى زەن - ئوق ئاتقۇچى؛ مەرگەن:تىرى ئىشىق - ئىشق ئوقى.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
مېركۇرىي يۇلتۇز
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
يىغماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىملىق سۆز
ئات - ئېشەكلەرنى چاقىرىش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تەقلىد
قەغەز، رەخت قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ يىرتىلىشى ياكى شامال كۈچى بىلەن تىترىشىدىن چىققان ئاۋاز.