UyghurMain Dictionary
تروتسكىچىلار
دۇنيا تارىخى
ئەسلىدە روسىيە ئىشچىلار ھەرىكىتىدىكى لېنىنىزمغا قارشى بولغان، تروتسكى باشچىلىقىدىكى سىياسىي گۇرۇھ بولۇپ، كېيىن چۈشكۈنلىشىپ خەلقئارالىق ئەكسىلئىنقىلابىي گۇرۇھقا ئايلىنىپ كەتكەن. 1719-يىلى 8-ئايدا بلشېۋىكلار پارتىيىسى ۋە ئۇنىڭ مەركىزىي كومىتېتىغا سۇقۇنۇپ كىرىۋالغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن، لېنىننىڭ سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋەسوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش توغرىسىدىكى لۇشيەنىگە قارشى تۇرغان ھەمدە سوۋېت كوممۇنىستىك (بولشېۋىكلار پارتىيىسى ۋە ئۈچىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ھەرقايسى ئەللەردىكى ياچېيكىلىرى ئىچىدە مەزھەپچىلىك پائالىيىتى ئېلىپ بېرىپ، تروتسكىچىلىقنى لېنىنىزم ئورنىغا دەسسەتمەكچى بولغان. لېنىن ۋاپات بولغاندىن كېيىن، زىنوۋيېۋ، كامېنېۋ قاتارلىقلار بىلەن بىللە شېرىكلىشىپ، تروتسكى - ژىنوۋيېۋ پارتىيىگە قارشى ئىتتىپاقنى ئۇيۇشتۇرغان. 1927-يىلى سوۋېت كوممۇنىستىك )بولشېۋىكلار( پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى ۋە سوۋېت كوممۇنىستىك )بولشېۋىكلار( پارتىيىسى 15-قۇرۇلتىيى تورتسكى ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرىنى پارتىيىدىن قوغلاپ چىقارغان. 1929-يىلى تروتسكى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. ئۇ چەت ئەلەد داۋاملىق ئەكسىلئىنقىلابىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان. 1938-يىلى 9-ئايدا پارىژدا <دۇنيا سوتسىيالىزمى ئىنقىلابىي پارتىيىسى> ناملىق خەلقئارا تروتسكىچىلار تەشكىلاتى، يەنى <تۆتىنچى ئىنتېرناتسىئونال> نى قۇراشتۇرۇپ چىققان. دائىم ئىنتايىن سول قىياپەتتە ئوتتۇرىغا چىقىپ،، <دۇنيا ئىنقىلابى> دېگەننى بازارغا سېلىپ، جامائەتچىلىكنى ئازدۇرۇپ، جاھانگىرلىك ۋە ھەر قايسى ئەللەر ئەكسىيەتچىل قورالغا ئايلىنىپ قالغان.