UyghurMain Dictionary
تروتسكى
دۇنيا تارىخى
(1879 - 1940) ئەسلى ئىسمى لېۋ داۋىدوۋىچ برونشېين. سوۋېت ئىتتىپاقى ئىنقىلابىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى، تورتسكى گۇرۇھىنىڭ باشلىقى. ئۇكائىنا خېرسون ئوبلاستىكى باي يەھۇدىي دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. نىكولايېۋ ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرەن. 1897-يىلى <جەنۇبىي روسىيە ئىشچىلار ئىتتىپاقى> نى ئۇيۇشتۇرغان. ئىككىنچى يىلى قولغا ئېلىنىپ سۈرگۈن قىلىنغان. 1902-يىلى تروتىسكى دېگەن ئىسىم بىلەن لوندونغا قېچىپ بېرىپ، <ئىسكىرا گېزىتى> گە ماقالە يېزىپ تۇرغان. 1903-يىلى 7-ئايدا روسىيە سوتىسيال دېموكراتىك ىشچىلار پارتىيىسىنىڭ 2-قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان. شۇ يىلى 9-ئايا جەنۋەددە ئېچىلغان مېنشېۋىكلارنىڭ يىغىنىغا قاتناشقان. 1905-يىلىدىكى ئىنقىلاب مەزگىلىدە، پېتېربۇرگ ئىشچىلار ۋەكىللىرى سوۋېتىنىڭ رەئىسى بولغان. 1907-يىلى لوندوندا ئېچىلغان روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ 5-قۇرۇلتىيىغا قاتنشىپ، <ئارىلىقتىكىلەر> مەيدانىدا تۇرغان. 9121-يىلى <ئاۋغۇست ئىتتىپاقى> نى تەشكىللەپ، لېىنىن ۋە بولشېۋىكلار پارتىيىسىگە قارشى تۇرغان. 1917-يىلى فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن ۋەتەنگە قايتىپ، رايون بىرلەشمىچىلىرىگە قاتناشقان ھەمدە رايون بىرلەشمىچىلىرى بىلەن بىللە بولشېۋىكلار پارتىيىسىگە كىرىپ، ئىلگىرى - كېيىن مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى، پېتروگراد ئىشچى - ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى سوۋېتىنىڭ رەئىسى ۋە مەركىزىي سىياسىي بيۇرونىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، تاشقى ئىشلار خەلق كومىسسارى بولۇپ، برېست سۈلھىسىنى ئىمزالاشقا قارشى چىققان، 1918-يىلى قۇرۇقلۇق - دېڭىز ئارمىيىسى خەلق كومىسسارى ۋە جۇمھۇرىيەت ئىنقىلابىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. كېيىن يەنە قوشۇمچە قاتناشق خەلق كومىسسارى (1920 - 1921) بولغان. 0192-يىلى 11-ئايدا ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئۇيۇشمىسى مەسىلىسىدە تالاش - تارتىش قوزغاپ، لېنىن ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى ئىقتىسادىي سىياسەتكە قارشى تۇرغان. 1923 - 1924-يىللىرى لېنىننىڭ كېسىلىنىڭ ئېغىرلىقى ۋە ۋاپاتىدىن پايدىلىنىپ، <46 لەر باياناتى> نى ئېلان قىىشنى كۈشكۈرتكەن ھەمدە <ئۆكتەبر ساۋاقلىرى> دېگەن ماقالىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، پارتىيە ۋە لېنىنىزمغا ھۇجۇم قىلىپ، قۇرۇقلۇق - دېڭىز ئارمىيىسى خەلق كومىسسارلىق ۋە ئىنقىلابي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىدىن قالدۇرۇلغان. 1924-يىلى 5-ئايدا ئىجارىگە بېرىش ئىشلىرى ھوقۇقلۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى، ئېلېكتر - تېخنىكا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋە سانائەت پەن - تېخنىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ باشلىقى بولغان. 1926-يىلى زىنوۋيېۋ قاتارلىقلار بىلەن پارتىيىگە قارشى ئىتتىپاق تۈزگەن. 1927-يىلى پارتىيىگە قارشى <83 لەر پروگراممىسى>ۋە <ئۆكتىچىلەر پروگراممىسى> نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شۇ يىلى 11-ئايدا پارتىيىدىن چىقىرىلغان. 1929-يىلى 1-ئايدا چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. 3219-يىلى 2-ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت تەۋەلىكىدىن مەھرۇم قىلىنغان. 1938-يىلى 9-ئايدا پارىژدا <تۆتىنچى ئىنتېرناتسىئونال>(<دۇنيا سوتسىيالىزمى ئىنقىلابىي پارتىيىسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ) نى تەشكىللىگەن. 1940-يىلى 8-ئايدا مېكسىكىدا يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈلگەن. <سىياسىي ۋەزىپىلىرىمىز>، <سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى ۋە ئنقىلاب>، <ئۆكتەبىر ئىنقىلابى>، <ئۈزلۈكسىز ئىنقىلاب> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.