UyghurMain Dictionary
توزان
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۇششاق، كۈكۈن ھالەتتىكى توپا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەر.
ياخشى ئاتتىن چاڭ چىقماس. ئالماسنىڭ جۇلاسىنى توزان توسالماس. شامال چىقمىسا توزۇندى چىقماس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەن يۇمشاق توپا، چاڭ.
شامال دېرىزە كۆزنەكلىرىدىن قۇم توزانلىرىنى ئۇچۇرۇپ كىرىشكە باشلىدى.
كۆچمە. كىر، نۇقسان، ئىللەت.
ۋۇجۇدى پاكىز ئىدى روھى ھەم پاك، ئىدى نەپسى ئەينىكى توزاندىن ساق.