UyghurMain Dictionary
توز
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
تاۋۇش.
توز ماكانى بولغاندا بوستان،
ئەسلا ئېسىمگە كەلمەس ھىندىستان.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
تۈگمەندە تارتىلغان ئۇننىڭ ئۇچقۇنلىرى .
توز يالىغان ئىت قوپارغۇ ئاستىدا ئۆلەر ( ماقال ).
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل
توزماق، توزۇش. 1. چېچىلماق، يېيىلماق، تارىماق.
چاڭ توزماق.* توپا توزماق.* ئالدىمىزدا بىر ماشىنا توپا تۇرغان يولدىن ئۆتۈپ كەتتى.
2. گۈل _ گىياھلار سولاشماق. ئاتام بارغۇچە لەيلىقازاق توزۇپتۇ.
3. پىتراپ تارقىلىپ كەتمەك. قۇشقاچلار ئوق ئاۋازىنى ئاڭلاپ توزۇپ كەتتى.* دەرەخ يىقىلسا، مايمۇن توزۇپتۇ. ( ماقال ).
4. ۋەيران بولماق، خانىۋەيران بولماق. توختى بىچارىنىڭ ئۆيى توزۇپ كەتتى.* بىلىملىك ئۇزار، بىلىمسىز توزار ( ماقال ).
5. تىتىلىپ، ئۇۋۇلۇپ، يىرتىلىپ كەتمەك. ئاتىسى، بالىلارنىڭ كىيىملىرى توزۇپ كەتتى، بىر يىڭى كىيىم ئەپ بەرسىلە.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
چاڭ، توزان. غۇبار.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قانات _ قۇيرۇقلىرى چىرايلىق قۇش، ئىسسىق بەلباغ رايونلاردا ياشايدۇ، دان ۋە مېۋە يەيدۇ.
توز قۇيرۇق _ پەيلىرىنى ئاسرايدۇ، ياخشى ئۆز ئابرويىنى ساقلايدۇ. تاۋۇس بىلەن ئۇسسۇل ئوينىغاندا زاغ، كەكلىك كۈلكىسىدىن ياڭراپ كەتتى باغ.
شىۋىلەر
قەشقەر شىۋىسى
توزۇندا. توزغا كۆنگەن ئىت قوپارغا ئاستىدا ئۆلەر (ماقال).
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
توز، توزان.
(تولدۇرۇپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ).
3 - 169
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
يايلارغا ئوراپ قويۇلغان قېيىش.
3 - 169
بىئولوگىيە
ئۇ قۇشلار سىنىپىنىڭ توخۇمسىمانلار ئەترىتى، قىرغاۋۇللار ئائىلىسىگە كىرىدۇ. مەملىكىتىمىز يېشىل توز (pavomulics imperator) چىقىدۇ. خورىزىنىڭ تەن ئۇزۇنلۇقى 2.2 مېتىرغا (قۇيرۇق ئۇزۇنلۇقى 5.1 مېتىرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يېتىدۇ. پەيلىرى چىرايلىق. يېشىل، ئوچۇق يېشىل، كۆكۈچ يېشىل، قوڭۇر - سۆسۈن رەڭلەرنى ئاساس قىلغان، ناھايىتى جۇلالىق، قۇيرۇقىنى قاپلاپ تۇرغان پەيلىرى ئۇزىراپ ئۆسۈپ، قۇيرۇق يايمىسىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، رەڭگارەڭ تەڭگىسىمان (دۆگىلەك) سىزىقلىرى بولىدۇ. قۇيرۇقىنى يەلپۈگۈچتەك يايغاندا تېخىمۇ كۆركەملىشىدۇ، مېكىيىنىنىڭ قۇيرۇق يايمىسى يوق، پەي رەڭلىرىمۇ خورىزىنىڭكىگە يەتمەيدۇ. كۆپىنچە تاغ باغرىدىكى دەريا - ئۆستەك ياقىلىرىد ياكى ئېتىز - ئېرىقلارنىڭ يېنىدا ياشايدۇ. ياز ۋە ئەتىيازلاردا بىر خورىزى بىر نەچچە مىكىيىنىنى ئەگەشتۈرۈپ چۈجىلىرى بىلەن بىللە توپلىشىپ ھەرىكەت قىلىدۇ، كۈز ۋە قىش پەسىللىرىدە توپى تېخىمۇ كۆپىيىدۇ. ئارىلاش ئۇزۇقلىنىدۇ، ئاساسلىقى ئۇرۇق، شىرنىلىك مېۋە قاتارلىقلار بىلەن جان باقىدۇ. ئۇ ھىندىستان، سىرىلانكا، بىرما، مالاي يېرىم ئارىلى، ياۋا، سوماترا قاتارلىق جايلارغا تارقالغان بولۇپ، مەملىكىتىمىزدە پەقەت يۈننەننىڭ جەنۇبىي قىسمى ۋە غەربىي جەنۇبى قىسمىدىلا ئۇچرىتىشقا بولىدۇ. ئۇ ئەتىۋارلىق تاماشا قىلىنىدىغان ھايۋانلار ھېسابلىنىدۇ، پەيلىرىنى زىننەت بۇيۇمى قىلىشقا بولىدۇ.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
توپا - چاڭ، توزۇندا
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
پاراشوك
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
بىر خىل دەرەخ
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئۇن تارتقاندا توزىغان ئۇن ئۇچقۇنلىرى.
ئۇ چاغلاردا ئۇننىڭ ئورنىغا توز بىلەن توپا بەرسىمۇ شۈكۈر قىلغانىدۇق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەرەبچە
زوئولوگىيە
بىر خىل قۇش. بېشى ئۈستىدە تاجىسى بولىدۇ، ئەركىكىنىڭ قۇيرۇقى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، كەرگەندە خۇددى يەلپۈگۈچكە ئوخشاپ قالىدۇ؛ مېۋە دانلىق ئۆسۈملۈكلەر بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ، ھايۋانات باغچىلىرىدا كۆپرەك بېقىلىدۇ، پېيىدىن زىننەت بۇيۇملىرىنى ياساشقا بولىدۇ.