UyghurMain Dictionary
توختاملىق قۇل
دۇنيا تارىخى
<توختاملىق ياللانما ئىشچى > دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 17 - ئەسىردىن 18 -ئەسىرگىچە بولغان مەزگىلدە ئەنگىلىيەنىڭ شىمالىي ئامېرىكىدىكى مۇستەملىكىلىرىدە ئىشلىتىلگەن ئاق تەنلىك ئەمگەك كۈچى. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەنگىلىيە ۋە ياۋرۇپا قۇرۇقلۇقىدىكى دۆلەتلەردىن كەلگەن، ئۇلار نامراتلىق ۋە سىياسىي، دىنىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئەنگىلىيە مۇستەملىكىلىرىدىكى شىركەتلەر بىلەن توختام تۈزۈپ شىمالىي ئامېرىكىغا كېلىپ ئىشلىگەن. ئۆز ئىختىيارى بىلەن كەلگەنلىرى، مەجبۇرىي كەلگەنلىرىمۇ بار. كېيىنكىلەر جىنايەتچىلەر ۋە ئالدانغانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلار توختام بويىچە مۇستەملىكىچىلەر ئۈچۈن بىر قانچە يىلى ئىشلىشى شەرت. ئەمگەك مۇددىتى ئوخشاش ئەمەس، ئادەتتە ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە بولۇپ، ئۇزۇنلىرىنىڭ ئون ئىككى يىلغا بارىدۇ. توختاملىق قۇللار مۇددىتى توشقاندىن كېيىن جىسمانىي ئەركىنلىككە ھەمدە بىر قانچە ئون ئىنگلىز موسى كېلىدىغان يەرگە ھەم بەزى تۇرمۇش بۇيۇملىرىغائېرىشىدۇ.