UyghurMain Dictionary
توختام
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
كېلىشىم، دوگۇۋۇر.
توختام باھا.* توختام خەت.* توختامنامە.* توختام تۈزمەك.* توختاملىق ئىشچى.* توختامغا ئەمەل قىلماق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
توختام يىغىلىپ قالغان.
توختام سۇ.* ھەممەيلەن كۈچ چىقىرىپ، مەھەللىمىزدىكى توختام سۇنى چىقىرىۋەتتۇق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر ئىش - ھەرىكەت ئۈستىدە كېلىشكەنلىك ھەققىدىكى ھۆججەت.
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، تەڭ ھوقۇقسىز شەرتنامىلەر بىكار قىلىندى. شىنجاڭنىڭ 140 مىڭ توننىلىق ئېتىلىن قۇرۇلمىسى توختامى 1991 - يىل 10 - ماي بېيجىڭدا ئىمزالاندى. 13 - سېنتەبر شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ياپونىيە خۇسۇسىي ئالىي مەكتەپلەر جەمئىيىتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى ياپونىيىگە بېرىپ بىلىم ئاشۇرىدىغان 75 ئوقۇغۇچىنى داۋاملىق قوبۇل قىلىش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالاندى. 11 يىتىم شىنجاڭدا ئۈچ ۋىلايەت خەلق ۋەكىللىرى بىلەن گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋەكىلى ئوتتۇرىسىدا 1946 - يىلى 6 - ئايدا ئىمزالانغان. «دۇنيا نەشرىيات ھوقۇقى ئەھدىنامىسى» 1952 - يىلى 6 - سېنتەبر جەنۋەدە ئىمزالىنىپ، 1955 - يىلى 16 - سېنتەبردە كۈچكە ئىگە بولغان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. توختاپ قالغان، ئاقمايدىغان؛
توختام سۇ.
ئى. ئىككى ياكى بىر قانچە تەرەپ مەلۇم بىر ئىشنى بىرلىكتە ئېلىپ بارغاندا، ھەر قايسىسىنىڭ ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلىرىنى بەلگىلەش ئۈچۈن بېكىتىپ چىقىلغان ھەمدە ئورتاق رىئايە قىلىنىدىغان مەزمۇن ۋە ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كېلىشىم ۋە بۇ ھەقتىكى ھۆججەت.
توختامدا تەدبىر كونكرېت، مەسئۇلىيەت ئېنىق بەلگىلەندى.