UyghurMain Dictionary
تويىن
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
راھىپ، شېخ: تويىنلار - راھىپلار.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تەركىي دۇنيا بولۇپ، ئىبادەتخانىلاردا تائەت - ئىبادەت بىلەن شۇغۇللانغۇچى.
«راھىب»، «ماناخ» لار ناسارادىن چىقىدۇ.
«شەيخ» گۆرىستاندا بولىدۇ.
«دەرۋىش»، «زاھىت» مۇسۇلمانلاردىن چىقىدۇ.
«تويىن»، «ساڭ» خەنزۇچە: 憎 ،道人 . بۇددىستلاردىن چىقىدۇ.
كاسايا كىيگەننىڭ ھەممىسى راھىب ئەمەس. ماناخ مائاش دېمەيدۇ. شەيخلارغا تەسەللىنىڭ ئالاقىسى يوق، ئېشەك مۈڭگۈز دېسە، خام خىيال قۇرۇق. خالتىدا نېمە بارلىقىنى دەرۋىش ئۆى بىلەر. زاھىتقا سەللە كېرەك ئەمەس، ئاشىققا دەللە.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تويىن.
ئىسلام دىنىدا بولمىغانلارنىڭ دىن باشلىقى. بۇ بىزدىكى ئىمام ۋە مۇپتىلارغا ئوخشايدۇ. تويىن ھەر ۋاقىت بۇت ئالدىدا بولۇپ، كىتابلارنى ۋە كاپىرلارنىڭ ھۆكۈملىرىنى ئوقۇيدۇ، ئۇلارنىڭ كۇپرىلىقىدىن خۇدا ساقلىسۇن. ماقالدا مۇنداق كەلگەن: بىر تويىن باشى ئاغرىسا قامۇغ تويىن باشى ئاغرىماس _ بىر تويىننىڭ بېشى ئاغرىسا، ھەممە تويىننىڭ بېشى ئاغرىماس. بۇ ماقال دوستلىرى بىر نەرسىنى يەۋاتقان يەردە بىرسى كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۆزىنى ئۇنىڭدىن تارتقان بولسا، باشقىلارنى تاماق يېيىشكە ئۈندەپ ئېيتىلىدۇ.
3 - 232
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
راھىب
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
راھىب