UyghurMain Dictionary
تۆپە
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
1. دۆڭ، تۆپىلىك.
تۆپىدىن ئۆتمەك.* تۆپىدىن چۈشمەك.
2. بىرەر نەرسىنىڭ يۇقىرى قىسمى ۋە ئۈست تەرىپىدىكى بوشلۇق. كاڭنىڭ تۆپىسى ئىسسىق ئىكەن.* تاغ تۆپىسىدە قارىغاي، بولبۇل كېلىپ سايرىغاي ... . بىز ماشىنىنىڭ تۆپىسىدە ئولتۇرۇپ كەلدۇق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
تاشلانمىغان يۇڭلۇق تېرە تۇماق.
بالام بېشىڭغا تۆپەڭنى كىيۋال.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەلتىرە، كۆرپە قاما _ قۇندۇزلاردىن تىكىلگەن قىشلىق باش كىيمى.
« چاپپۇس » لوپنۇر دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
تازنىڭ كۆزى تۇماقتا. باش ئامان بولسا، تەلپەك تېپىلىدۇ. قۇلاقچا قىشنىڭ راھىتى. قول سۇنسا يەڭ ئىچىدە، باش يېرىلسا تۆپە ئىچىدە.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يەردىن كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان ئېگىزلىك.
ئېتىڭ ھارسا دۆڭگە چاپ. قوناقنى دۆڭگە تېرى، بېدىنى ئويغا. تۆپە كىيىپ تۆپىگە چىقما. تارىم بويىدا، تەكلىماكاندا قۇم بارخانلىرى كۆپ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
نەرسىنىڭ يۇقىرى تەرىپى.
ئاست، ئاستىن، تەگ
نەرسىنىڭ تۆۋەن تەرىپى، تۈۋى.
بولمىغۇر گېپىڭنى كېسەكنىڭ ئاستىغا تىق. تاغ ئېگىز بولسىمۇ، كۈن بىلەن ئاينىڭ ئاستىدا. ئادەم ئۈستىدە ئاسمان بار، ئادەم ئۈستىدە ئادەم. ئاستىن ئاتۇشتىن چىقىپ، ئۈستۈن ئاتۇشقا باردۇق. ئاستىدىكىنى تالايدۇ، ئۈستىدىكىنى سىيلايدۇ. بېلىق سۇنىڭ تېگىدە ياشايدۇ. تېگى يوق يەر بولسا، ئۈستى يوق ئاسمانمۇ بار. تۆپىسى يوقنىڭ تېگىمۇ يوق.
شىۋىلەر
غۇلجا شىۋىسى
بۆك، تۇماق. مەسىلەن: قول سۇنسا يەڭ ئىچىدە، باش يېرىلسا تۆپە ئىچىدە (ماقال).
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تۆپە.
تاغ تۆپىسى _ تاغ تۆپىسى.
3 - 298
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
يەر يۈزىدىن ياكى مەلۇم بىر جايدىن ئېگىز، يۇقىرى بولغان جاي، دۆڭ.
تۆپىدىن تونۇش بىر ئادەم چۈشۈپ كەلدى.
بىرەر نەرسىنىڭ يۇقىرى قىسمى، ئۈستى.
مامۇت زور شۇ ھامان ئۇنىڭ كەينىدىن تام تۆپىسىگە چىقتى.
مەلۇم بىر نەرسىنىڭ ئۈستىدىكى بوشلۇق؛ كۆك، ئاسمان.
ئېگىز بىنانىڭ تۆپىسىدە قۇشلار ئۇچۇپ يۈرەتتى.
كۆچمە. مەلۇم بىر ئىش بولۇۋاتقان جاي، نەق مەيدان.
مامۇت ئوغرىلىقچە تاماكا چېكىپ تۇرغاننىڭ تۆپىسىگە دادىسى كىرىپ قالدى.
بېرىش كېلىش قوشۇمچىسى بىلەن كېلىپ، <بېشىغا، يېنىغا، قېشىغا> دېگەن مەنىدە كېلىدۇ.
دېۋە كۆل تۆپىسىگە كېلىپ بېلىقچىنى قىچقىرىپتۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تېرىدىن تىكىلگەن، پوسمىغا ئوخشاش تاشلانمىغان، سىرتى ئاق باش كىيىمى.
بالىلارنىڭ بەزىلىرى ئالدىراشلىقتا دادىسىنىڭ تۆپە ۋە قۇلاقچىلىرىنى كۆزلىرىگە چۆكۈرۈپ كىيىۋالغانىدى.