UyghurMain Dictionary
تۆرەلمىسىمان تەن
بىئولوگىيە
ئۆسۈملۈك توقۇلمىسىنى ئۆستۈرۈش جەريانىدا غەيرىي زىگوتا ھۈجەيرىسىدىن پەيدا بولىدىغان، تۆرەلمىلىك يېتىلىش جەريانىدا ھاسىل بولىدىغان تۆرەلمىسىمان تۈزلۈش. ئۆسۈملۈك ھۈجەيرىسى تولۇق ئىقتىدارلىق بولغاچقا، ئۆسۈملۈكنىڭ نۇرغۇن قىسىمىدىكى ھايات ھۈجەيرىلەر تەنىدىن ئايرىپ ئۆستۈرۈش شارائىتى ئاستىدا ئەسلىگە قايتىش بۆلۈنۈش ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. ھەمدە تەن ئىچىدىكى تۆرەلمىگە ئوخشاش يېتىلىش جەريانىنى بېسىپ ئۆتىدۇ. تۆرەلمىسىمان تەن پەللە يوپۇرماق، تۆۋەنكى تۆرەلمە ئوقى، تۆرەلمە، ئەركىن ھۈجەيرە، كىچىك سپورا، تۆرەلمە خالتىسىنىڭ تاق ھەسسىلىك ھۈجەيرىلىرى، تۆرەلمە سۈتى، جاراھەت ساقايتقۇچى توقۇلما قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان ئېكتوفىنوزومىلاردىن ھاسىل بولىدۇ. ئۇنىڭ يېتىلىش جەريانى ئاساسەن ئىپتىدائىي تۆرەلمە بىلەن تۆرەلمىنىڭ دىففېرېنسىيىلىنىش باسقۇچىنى بېسىپ ئۆتۈپ، تۆرەلمە يىلتىزى بىلەن تۆرەلمە بىخى ئىككى قۇتۇپلۇق تۈزۈلۈشنى ھاسىل قىلىدۇ. تۆرەلمىسىمان تەننى ئىندۇكسىيىلەش سانى كۆپ بولۇش، سۈرئىتى تېز بولۇش، تۈزۈلۈشى مۇكەممەل بولۇش، ئۆزگىرىشى كىچك بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، جىنىسسىز سىستېمىنى تېز سۈرئەتكە كۆپەيتىشكە ماس كېلىدۇ. ھازىر يۈزدىن ئارتۇق ئۆسۈملۈكنىڭ تۆرەلمىسىمان تېنى ھاسىل بولىدىغانلىقى خاتىرىلەندى. ماتېرىياللاردا خاتىرىلەنگەن <تۆرەلمە>، <تەن ھۈجەيرىسى تۆرەلمىسى> دېگەن سۆزلەرمۇ تۆرەلمىسىمان تەنلەرنى تەسۋىرىلەپ بېرىدۇ.