UyghurMain Dictionary
تۆرەلمە خالتىسىنىڭ يېتىلىشى
بىئولوگىيە
تۆرەلمە خالتىسىنىڭ پەيدا بولۇش ۋە يېتىلىش جەريانى. يۇمران تۈگۈن مەركىزىنىڭ چوققىسىنىڭ ئېپىدېرمىسى ئاستىدىن بىر دانە ئىپتىدائىي سپورا ھۈجەيرىسى دىففېرېنسىيلىنىپ چىقىپ ياكى بىۋاستە يېتىلىپ تۆرەلمە خالتا ئانا ھۈجەيرىسى (چوڭ سپۇرا ئانا ھۈجەيرىسى) گە ئايلىنىدۇ، ياكى بۆلۈنۈپ سپورا ياسىغۇچى ھۈجەيرە بىلەن ئەتراپ ھۈجەيرىنى ھاسىل قىلىدۇ، سپورا ياسىغۇچى ھۈجەيرە يېتىلىپ تۆرەلمە خالتا ئانا ھۈجەيرىسىگە ئايلىنىدۇ. تۆرەلمە خالتا ئانا ھۈجەيرىسى سان كېمەيتىپ بۆلۈنۈپ چوڭ سپورا تۆت بۆلەك تەنچىسىنى، يەنى تۆت دانە چوڭ سپورىنىڭ ۋاقىتلىق بىرىكمىسىنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ جەريان چوڭ سپورىنىڭ پەيدا بولۇشى دەپ ئاتىلىدۇ. كۆپ ساندىكى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ چوڭ سپورىسى تۆت بۆلەك تەنچىسى ئىچىدە پەقەت بىر دانە ھۈجەيرە ئىقتىدارلىق چوڭ سپورا بولۇپ، يېتىلىپ تاق يادرولۇق تۆرەلمە خالتىسىغا ئايلىنىدۇ؛ قالغان ئۈچى رۇدېمنتلىشىپ كېتىدۇ. تاق يادرولۇق تۆرەلمە خالتىسىنىڭ ئەركىن يادروسى ئارقا - ئارقىدىن ئۈچ قېتىم بۆلۈنۈپ، بىرىنچى قېتىمدا ئىككى، ئىككىنچى قېتىمدا تۆت، ئۈچىنچى قېتىمدا سەككىز يادرو ھاسىل قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدىكى تۈگۈن تۆشۈكى ئۇچىغا يېقىن تۇرغان ئۈچ دانە يادرو تۇخۇم ۋە ئىككى دانە ياردەمچى ھۈجەيرىنى ھاسىل قىلىدۇ؛ قوشۇلۇش نۇقتىسى بار ئۇچىغا يېقىن تۇرغان ئۈچ دانە يادرو تەتۈر پۇت ھۈجەيرىنى ھاسىل قىلىدۇ؛ قالغان ئىككى دانە يادرو چىڭ چاپلىشىپ، بىر جۈپ قۇتۇپ يادروسىغا ئايلىنىپ مەركىزىي ھۈجەيرىنى تۈزىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، تۆرەلمە خالتىسى يېتىلىپ بولىدۇ. بۇ جەريان ئانىلىق گامېتوفىتنىڭ يېتىلىش جەريانى دەپ ئاتىلىدۇ، كۆپ ساندىكى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۆرەلمە خالتىسىنىڭ يېتىلىشى يۇقىرىىقىدەك بولىدۇ. بۇ قامچىئوت تىپلىق تۆرەلمە خالتىسى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كۆپ خىل تۆرەلمە خالتىسىنىڭ يېتىلىش ئۇسۇلى بار. مەسىلەن، ئايگۈل تىپلىق، پىياز تىپلىق، يانار ئوت تىپلىق، كاۋاۋىچىن تىپلىق، سوغىگۈل تىپلىق ... قاتارلىقلار.