كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
باتۇر، قەھرىمان، ئالىپ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەقىلىي - جىسمانىي جەھەتتىن تولۇق يېتىلگەن، خەۋپ - خەتەر، ئۆلۈم - يېتىم، قىيىنپىلىق - ئېغىرچىلىقتىن قورقمايدىغان شەخس.
خەلق باتۇرى. بارغا باتۇر. باتۇر بولسا بالىسى، يايراپ كېتەر ئانىسى. كۈرەش قەھرىمانى. ئەمگەك قەھرىمانى ئۆزبۇرچىنى ئورۇنلاۋاتقاندا جېنىنى ئايىمىغان ئادەم ھەقىقىي قەھرىمان. قەيسەر قارىغاي سوغۇققا پىسەنت قىلمايدۇ. ئازابنى تۇرمۇشتىكى ئەڭ زور كېلىشمەسلىك دەپ قارايدىغانلار جەسۇر بولالمايدۇ. جەسۇر ئادەم ئۆز ھېسىياتىغا قۇل بولمايدۇ. مەردنى مەيداندا كۆر. غەيۇر يىگىت زوراۋاندىن قورقمايدۇ.
Domain: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىقاپلان جىنسىدىن بىر ھايۋان، ئۇ پىلنىڭ كۈشەندىسى. بۇ سۆزنىڭ ئاساسىي مەنىسى مۇشۇ. لېكىن بۇ سۆز تۈركلەردە ئەسلى مەنىسىنى يوقاتقان بولسىمۇ ئىسىم ھالىتىدە ساقلانماقتا. بۇ سۆز كۆپىنچە ئادەملەرگە لەقەم بولۇپ كېلىدۇ. مەسىلەن: « توڭا خان _ توڭا خان»، « توڭا تېگىن _ توڭا تېگىن» قاتارلىقلار. تۈركلەرنىڭ ئۇلۇغ خاقانى ئافراسىياپ « تاڭا ئالپ ئەر» دەپ ئاتىلاتتى. بۇ «قاپلانغا ئوخشاش كۈچلۈك، باتۇر ئادەم» دېمەكتۇر.
3 - 502
Domain: قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرىباتۇر، قەھرىمان
Domain: قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرىمەرتىۋە، دەرىجە
Domain: ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىقىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
قاپلان جىنسىدىن بىر ھايۋان