UyghurMain Dictionary
توڭ
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
1. مۇز قاتقان، مۇزلىغان يەر.
توڭ كۆتۈرۈلمەك.* توڭ ياتقۇزماق.* توڭ ئېرىماق.* توق ئىت، توڭدىمۇ ئىغنايدۇ ( ماقال ).
2. سۈپەت. پىشمىغان . توڭ ئۆرۈك،* بىر قۇغۇننى تىلساق توڭ چىقتى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
توڭلىماق، توڭلاش. مۇزلىماق، سوغۇق ئۆتمەك.
بىرى تويۇپ سەكرەيدۇ، بىرى توڭۇپ سەكرەيدۇ ( ماقال ).* كىشىنىڭ ئىشىغا تومۇزدا قول توڭار ( ماقال ).
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
سوغۇق، قاتتىق سوغۇق؛ مۇز:
ئاھۇ ئەشكىدىن ئېرۇر ئوتۇ سۇ ئىچرە ئاشىق،
زاھىدا، نې غەم ئاڭا قىزىغ ئولغىل گەر توڭ.
نەۋايى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پىشۇرۇلمىغان، پىشمىغان.
چۆچۈرىنى خام ساناپتۇ. بالا خام بولسا، ياردىن يانىدۇ، ئاش خام بولسا گالدىن. كالا گۆشىنى چىكى يېيىش زىيانلىق. توڭ قوغۇن تەمسىز بولىدۇ. ئاشنىڭ ئالىسى قورساق ئاغرىتار، كۆڭۈلنىڭ ئالىسى ئادەم ئۆلتۈرەر.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
پىشمىغان؛ پىشۇرۇلمىغان ياكى چالا پىشقان، چالا پىشۇرۇلغان.
پىششىق
پىشقان ياكى پىشۇرۇلغان.
قوغۇنلۇققا ئوغرى كىرسە، يا پىششىقىنى قويماس، يا خەمىكىنى. چۆچۈرىنى خام ساناپتۇ. خام - خۇتا تاماق بەدەنگە زىيانلىق. سۆزنىڭ پىششىقى ياخشى، ئاشنىڭ ئىسسىقى. بالا خام بولسا ياردىن يانىدۇ، ئاش خام بولسا گالدىن. ئۈرۈكنىڭ ئالىسى قورساق ئاغرىتىدۇ، ئاش ئالا بولسا، مېھمان ئاغرىنىدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
مىجەز - خۇلقى يېقىمسىز.
مۇلايىم، ئوماق، لىۋەن
مىجەز - خۇلقى يېقىملىق.
كۆپ بەرسەڭ، موللىمۇ مۇلايىم. ئۇنىڭ پوزىتسىيىسى بەك قوپال ئىكەن، تۈزۈك گەپلەشكىلى بولمىدى. ئۇ بىر ئۇماق بالا ئىدى، كېيىنچە ئانىسى ئۆلۈپ كېتىپ، دادىسىنىڭ قولىدا قالدى، ئۇنىڭ قوپال مۇئامىلىسى ئۇنى توڭ قىلىپ قويدى. بۇ چوكان ئەجەب لىۋەن ئىكەن.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
توڭ.
(ئىملىق). توڭ توڭ ئەتتى _ توڭ - توڭ قىلدى. بۇ ئېغىر بىر نەرسە ئۇيۇل نەرسە ئۈستىگە چۈشكەندە چىققان ئاۋاز.
3 - 486
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
پۈتەي.
توڭ نەڭ _ پۈتەي نەرسە، يەنى كاۋاك بولمىغان نەرسە. « پۈتەي قومۇش» « توڭ قامىش» دېيىلىدۇ. «بۇ ئىچى كاۋاك بولمىغان قومۇش» دېمەكتۇر.
3 - 486
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
توڭ.
ھەرقانداق توڭلاپ قالغان نەرسە. توڭ ئەت _ توڭ ئەت (گۆش)، سوغۇقتا مۇزلاپ قاتقان گۆش. باشقىلاردىمۇ شۇنداق.
3 - 487
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. سوغۇقتىن مۇزلاپ قاتقان، مۇزغا ئايلانغان.
بىردەمدىلا ئويۇلۇپ توڭ يەر، ئادەم بويى كولاندى قۇدۇق، قېزىۋەردى بارغانچە چاپسان، قول چىراغدىن چۈشۈرۈپ يورۇق.
ئى. يەر، سۇ قاتارلىق نەرسىلەر مۇزلاپ توڭلىغان ھالەت ۋە مۇشۇنداق قاتتىق سوغۇق.
ئاسىمنىڭ دېيىشىچە، ئەتىيازدا توڭ كېتىش بىلەن باشقا دۈيلەرگە كۆچىدىكەنمىز.
سۈپ. كۆچمە. پىشمىغان، تەمگە كىرمىگەن.
توڭ ئالما.
سۈپ. كۆچمە. قوپال، قاتتىق، كىشىنىڭ كۆڭلىگە تېگىدىغان.
پۇلى بارنىڭ گېپى ئوڭ، پۇلى يوقنىڭ گېپى توڭ (ماقال).
سۈپ. كۆچمە. پوزىتسىيىسى قوپال، خۇش مۇئامىلە قىلمايدىغان.
مېنىڭ بارا - بارا سىزگە يېقىنلىشىشىم ۋە تونۇشۇشىمىزنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، سىز ماڭا سىرلىق، ھېسسىياتسىز، توڭ ئادەم بولۇپ تويۇلۇشقا باشلىدىڭىز.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تەقلىد
قاتتىق ۋە كاۋاك نەرسىلەرنى ئۇرۇشتىن چىققان ئاۋاز.
بىر تاياق ئۇنىڭ بېشىغا توڭ قىلىپ تەگدى.