UyghurMain Dictionary
تىنىق
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
ئېغىزدىن چىققان نەپەس.
تىنىقى توختىماق.* تىنىقى سېسىق.
سىيلاپ بېقىپ، سېغىنغىنڭنى بىلدىم،
تىڭشاپ بېقىپ، تىنىقىڭنى بىلدىم.
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
لاي _ لاتقا، دۇغ _ قۇملار تىنىپ سۈزۈلگەن، چاڭ _ توزاندىن تازىلانغان، سۈزۈك.
تىنىق سۇ.* تىنىق ھاۋا.
سۆز تىنىق بولسا ئەگەر كېلىدۇ زۇلال،
تەكراردىن كۆڭۈلگە كېىلىدۇ مالال.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل
تىنماق، تىنىش. ھېرىش _ چارچاشتىن خالاس بولغۇچە دەم ئالماق.
ئات تىنىقى.* ئات تىنىقتى.* جىم يېتىپ تىنىق، ئاندىن تۇر.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سۇ ۋە سۇيۇقلۇقنىڭ ساپلىقى.
سۈزۈك بۇلاقتىن لاي سۇ ئاقماس. سۈزۈك سۇدا ئېرىقنىڭ تېگى كۆرۈنەر. تىنىق سۇدا دۇغ يوق.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
غۇبارسىز، سۈزۈلگەن، تىنغان، ئوچۇق، تازا.
تۇتۇق
لاي - لاتقىلىق، تىنمىغان، سۈزۈلمىگەن، تازا ئەمەس.
سۈيى سۈزۈك كۆلنىڭ ئاستىدا قۇرت. تىنىق سۇدا بېلىق بولماس. زۇلال بۇلاقتىن لاي سۇ ئاقماس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تىنىپ، ئىچىدىن چىقىرىلغان ھاۋا، نەپەس.
روزى كۆزىنى ئاچمايتتى. ئەكسىچە، تىنقى تېزلىشىپ، پۈكلىنىپ، داق يەرگە بارغانسېرى ئېغىر پاتماقتا ئىدى.
ناھايىتى قىسقا ۋاقىت، دەم.
يەلپۈگۈچ بىرتىنىقمۇ توختىماستىن قولدىن قولغا يۆتكىلىپ تۇراتتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
تەركىبىدىكى قۇم، لاتقىلار تىنىپ سۈزۈلگەن، ساپ، سۈزۈك.
ئاسمانمۇ بۇلاق سۈيىدەك سۈزۈك، كۆل سۈيىدەك تىنىق. قۇياشمۇ ئاجايىپ مۇلايىم كۈلۈمسىرەيدۇ.
چاڭ - توزاندىن خالىي، شامالسىز، سۈزۈك.
ھاۋا ئوچۇق، ئاسمان تىنىق.
بىرەر ئالامەت كۆرۈنمەيدىغان (كۆز ھەققىدە).
ۋاڭنىڭ كىشىلەرگە ئاسانلىقچە ئىپادە كۆرسەتمەيدىغان تىنىق كۆزلىرىگە بىر خىل خۇشاللىق يوشۇرۇنغانىدى.