UyghurMain Dictionary
تىنماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
جىم ھالەتكە كەلمەك
قاۋاپ تىنمىغان ئىتنىڭ ئاغزى كېسەك بىلەن جىمىيىدۇ. كۆپ سۆزلىگەن ئاخىر تىنىدۇ. يۈرەكلەر تىلغا كىرگەندە، تىل تىنچىيدۇ.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
دەم ئالماق، ئارام ئالماق؛ ئاڭلانماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئۆپكىسىگە تازا ھاۋا سۈمۈرۈپ، ئاندىن سىرتقا چىقارماق.
ئابدۇكېرىم بىر تىنىۋالدى.
ئىشتىن، ھەرىكەتتىن توختىماق، ئارام ئالماق؛
يىراقتىن خوتۇن ئالساڭ، ئۇلىغىڭ تىنماس، يېقىندىن خوتۇن ئالساڭ قۇلىقىڭ تىنماس (ماقال).
كۆچمە. ئېيتماق، دېمەك.
بۇ ئىشنى ھېچكىمگە تېنماڭ.
كۆچمە. تەشۋىش، ئەنسىرەشتىن توختىماق، خاتىرجەم بولماق.
كۈرە يولىدا يۈرۈپ، مەپەڭ سۇندىمۇ شەنگەن؟ سادىرنى تۇتۇپ بېرىپ، كۆڭلۈڭ تىندىمۇ شەنگەن؟
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئىچىدىكى قۇم، لاتقىلار چۆكۈپ، سۈزۈلمەك، تازا بولماق.
ئەمدىلا ئۆستەڭدىن ئەكىرگەن سۇ تىنىپ سۈزۈلۈشكە باشلىدى.
چوڭقۇرلۇق چۆكۈندى توپا، قۇم قاتارلىقلار بىلەن توشۇپ كەتمەك.
مانا شۇنداق كەڭ زېمىن پۈتۈنلەي قۇم بىلەن تىنىپ كەتكەنىدى.
بوش يېرى قالماق، تىقىلماق.
سېنىڭ پۈتۈن ھاياتىڭ جىنايەت بىلەن تىنىپ كەتكەن.
كۆچمە. قاراڭغۇلاشماق، خىرەلەشمەك.
ئۇنىڭ كۆزلىرى تىنىپ، لەۋلىرى ئاقاردى.