UyghurMain Dictionary
تېننېسسى دەرياسى ۋادىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى
دۇنيا تارىخى
ئىنگلىزچە قىسقارتمىسى T V A . ئامېرىكىنىڭ <يېڭى سىياسەت> مەزگىلىدە، ھۆكۈمەتنىڭ زور تۈركۈمدىكى ئىشسىزلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش مەقسىتىد تەسىس قىلغان تېننېسسى دەرياسىنى ئېچىش قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى. 1933-يىلى 5-ئايدا قۇرۇلغان. باشقۇرۇش ئىدارىسى توسما ۋە ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇپ، تېننېسسى ۋادىسىدىكى تېننېسسى، شىمالىي كارولىنا، گىنتوككى، ۋىرگىنىيە، مىسسىسىپى، گېئورگىيە ۋە ئالابامادىن ئىبارەت يەتتە شتاتنىڭ ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، ئاممىياك ئوغۇتى ۋە پارتلاتقۇچ دورا ئىشلەش چىقىرىش ۋە ئۇلارنى تەقسىملەش، سېتىش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان. 1944-يىلى 9-ئايغىچە دەريا ياقىلىرىدا غول توسما ۋە كۆپلىگەن باشقا قۇرۇلۇشلار پۈتۈن، ھەربىي لازىمەتلىكلەر سانائىتى، ئاليۇمىنچىلىق سانائىتى ۋە ئوك رىج ئاتوم بومبا زاۋۇتىنى كېرەكلىك ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى بىلەن تەمىنلىگەن. 3 مىليون ئاكر (بىر ئاكر = 4046.87 كۋادىرات مېتىر = 6.07 موت) ئېتىزلىق سۇ ئاپىتىدىن خالاس قىلىنىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ سەۋىيىسى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلگەن، پۈتكۈل ۋادا ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 9 ھەسسە ئاشقان.