UyghurMain Dictionary
تېننو تاكامېې
دۇنيا تارىخى
(1831 - 1867) ياپونىيە تېننوسى (1847 - 1867). ئىسمى مونېشنۇبۇ، تېننو مېيجىنىڭ ئاتىسى، تېننو شۇبوتاكانىڭ 4 - ئوغلى. 1840 - يىلى ۋەلئەھد بولغان. تەختتە تۇرغان مەزگىلدە سىرتقا قارىتا باكۇ شوگۇنلىقىنى ياۋلارنى قوغلاپ چىقىرىشقا دەۋەت قىلغان، ياسوماسا شەرتنامىسىنى ئىمزالاشنى توسقان. ئىچكى جەھەتتە باكۇ شوگۇنلىقى بىلەن ھەمكارلىشىشى پوزىتسىيىسىنى قوللىنىپ، باكۇ شوگۇنلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ھەرىكىتىگە قارشى تۇرغان. ئۇ سىڭلىسى كازۇنۇھىيانىنى سىياگۇن توكۇگاۋا ئېموچىغا ياتلىق قىلىشقا رازى بولغان. باكۇ شوگناتى قوزغىغان 18 - ئاۋغۇست سىياسىي ئۆزگىرىشنى قوللىغان. توكۇگاۋا يوشىنۇبۇنى ياۋلارغا جازا يۈرۈشى قىلغۇچى سىياگۇن قىلىپ تەيىنلىگەن. كېيىن باكۇ شوگۇنلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ھەرىكىتى ئەۋج ئالغاندا تۇيۇقسىز كېسەل بولۇپ ئۆلگەن (بەزىلەر زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلگەن دەيدۇ).