UyghurMain Dictionary
تىغراق
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
باتۇر، قورقماس، تايماس، غەيرەتلىك: تىغراق ئەر - باتۇر ئادەم.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەقىلىي - جىسمانىي جەھەتتىن تولۇق يېتىلگەن، خەۋپ - خەتەر، ئۆلۈم - يېتىم، قىيىنپىلىق - ئېغىرچىلىقتىن قورقمايدىغان شەخس.
خەلق باتۇرى. بارغا باتۇر. باتۇر بولسا بالىسى، يايراپ كېتەر ئانىسى. كۈرەش قەھرىمانى. ئەمگەك قەھرىمانى ئۆزبۇرچىنى ئورۇنلاۋاتقاندا جېنىنى ئايىمىغان ئادەم ھەقىقىي قەھرىمان. قەيسەر قارىغاي سوغۇققا پىسەنت قىلمايدۇ. ئازابنى تۇرمۇشتىكى ئەڭ زور كېلىشمەسلىك دەپ قارايدىغانلار جەسۇر بولالمايدۇ. جەسۇر ئادەم ئۆز ھېسىياتىغا قۇل بولمايدۇ. مەردنى مەيداندا كۆر. غەيۇر يىگىت زوراۋاندىن قورقمايدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چىداشلىق، ئۆزاققا تۆزىدىغان.
يەپ تۇر، بەك تۇر. ھەممىگە بېرىلمەي، بىرنى بەك تۇت. دۈشمىنىڭنى قاتتىق ئۇر، كالتىكىڭنى ئايىما. ھەممە ئىش قولىدىن كېلىدىغان كىشى بىرەر ئىشنىمۇ پىششىق بىلمەيدۇ. ئۆزۈڭنى چىڭ تۇت، قوشناڭنى ئوغرى تۇتما. مۇستەھكەن ئىرادە بولغاندا، ئۇلۇغ ھايات بولار. قاشا مەھكەم بولسا، تۈلكە كىرەلمەس. ئۇلى مەھكەم بولسا، ئۆيمۇ مەھكەم بولىدۇ. ئۆزى پۇختىنىڭ ئۆستىڭى يۇقىرىغا ئاقار. ئوننى چالا بىلگەندىن بىرنى پۇختا بىلگەن ياخشى. خيالىڭ يۈكسەك نىيەتلىك بولسۇن، ئىشىڭ پۇختا ۋە مەزمۇت بولسۇن.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تىغراق ئەر _ تايماس، غەيرەتلىك، باتۇر ئادەم. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
ئوغراق ئەرىتىغراق
يېمى ئانىڭ ئوغلاق
سۈتى ئۈزە ساغراق
يېرى تاقى ئاغلاق
{ئوغراق ئەرلىرى باتۇر،
ئۇلارنىڭ يەيدىغىنى ئوغلاق،
سۈتى ئۈستىدە قاچىلىرى تەييار،
يېرى بولسا قاقاسلىق.}
ئوغراق قەبىلىسىنىڭ ئادەملىرى مەرت ۋە باتۇر كېلىدۇ، ئوغلاق گۆشى يەيدۇ، قىمىز تۇلۇمىنىڭ يېنىدا چىنە - ئاياقلىرى دائىم تەييار تۇرىدۇ. ۋاھالەنكى، ئۇلارنىڭ يېرى ئۈنۈمسىزدۇر. بۇ يەردە ئۇلارنىڭ مەرتلىكى ۋە باتۇرلۇقى ماختالغان.
1 - 611
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
باتۇر، قەيسەر، ساغلام، پۇختا