UyghurMain Dictionary
تىغ
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تىغ ئات_ قارا قىزىل بىلەن ئاچ قىزىل ئوتتۇرىسىدىكى ئات.
3 - 176
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
قىلىچ، خەنجەر، پىچاق، نەيزە قاتارلىق پولات - تۆمۈردىن سوقۇلغان ئەسۋابلارنىڭ ئومۇمىي نامى.
تىغ كۆتۈرمەك. تىغ تەگكۈزمەك.
تۈرلۈك قورال، ھەر خىل ئەسۋاب، ماشىنا - ئۈسكۈنىلەرنىڭ كەسكۈچى قىسمى، پىچىقى.
پىچاقنىڭ تىغى.
كۆچمە. ئىش - ھەرىكەت، پائالىيەت، گەپ - سۆز، ماقالە، ئەسەر قاتارلىقلارنىڭ يوشۇرۇن ھۇجۇم قىلىش، زەربە بېرىش خاراكتېرىنى ئالغان ئاساسىي، مۇھىم نۇقتىسى.
ئەخمەتجان قاسىمى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ تىغ ئۇچى ئىستىبدات ھۆكۈمەتكە قارىتىلغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
كۆچمە. يالغۇز، يېگانە، تەنھا.
- قاسىم ئاكا، يالغۇز تۇرامسىز؟ - ھەئە، - دېدى ئۇ داستىخان سېلىۋېتىپ، - خوتۇن - بالىلىرىم تۇرپاندا، ھازىر مەنمۇ سىزدەك تىغ جان.