UyghurMain Dictionary
تەپەككۇر تەنقىدچىلىكى
پسىخولوگىيە
ئادەمنىڭ باشقىلارنىڭ ھەر قانداق ئىشارىسىگە پىسەنت قىلماي، ئەمەلىيەتنى نەزەردە تۇتۇپ، ئوبيېكتىپ ئۆلچەمگە قاتتىق ئاساسلانغان ھالدا ھەق - ناھەقنى كۆزىتەلىشىنى كۆرسىتىدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قاراش ۋە پىكىر قىلىش ئۇسۇلىغا باھا بېرىپلا قالماستىن، بەلكى ئۆزىنىڭ كۆز قاراش ۋە پىكىر قىلىش ئۇسۇلىنىڭ توغرا - ناتوغرىلىقىغا كەسكىن باھا بېرەلىشىنى، تەكشۇرەلىشىنىمۇ كۆرسىتىدۇ. ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلالىشى تەپەككۇر تەنقىدچىلىكىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى. بۇمۇ تەپەككۇر پەزىلەتلىرىنىڭ بىرى.