UyghurMain Dictionary
تەپەككۇر پسىخولوگىيىسى
پسىخولوگىيە
تەپەككۇرنى مەخسۇس تەتقىقات ئوبيېكتى قىلغان پسىخولوگىيە. تەپەككۇر مەسىلىسىنى پەيلاسوپلار ئۇزاقتىن بۇيان تەتقىق قىلىپ كەلدى. پسىخولوگىيە پەلسەپىدىن ئايرىلىپ چىققاندىن كېيىن، تۈرلۈك گۇرۇھتىكى پسىخولوگلارنىڭ تەپەككۇر توغرىسىدا تۈرلۈك نەزەرىيىلىرى بارلىققا كەلدى. لېكىن تەپەككۇر مەخسۇس تەتقىقات ئوبيېكتىغا ئايلانغاندىن كېيىنلا پسىخولوگىيىنىڭ مۇستەقىل ۋە مۇھىم بىر تارمىقى بولۇپ قالدى.1886- يىلى، ئا. بىتېتنىڭ «ئەقلىي خۇلاسە پسخولوگىيىسى»، 1909- يىل، تىچېنېرنىڭ «تەپەككۇر جەريانىنىڭ ئېكسپېرمېنتال پسخولۇگىيسى»، 1917- يىلى، كوخلېرنىڭ «ئادەمسىمان مايمۇننىڭ ئەقلىي قابىلىيىتى»، 1922- يىلى، سېلىزنىڭ «تەپەككۇر پسىخولوگىيىسى»،1934- يىلى، ل. س. ۋىگوتىسكىنىڭ « تەپەككۇر ۋە تىل»، 1945- يىلى، ۋىتېمېرنىڭ « ئىجادىي تەپەككۇر»، 1985- يىلى، س. ل. رۇبىنشتەيننىڭ «تەپەككۇر ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات ئۇسۇلى» قاتارلىق ئەسەرلىرى نەشىر قىلىنىدى. دېمەك تەپەككۇر پسىخولوگىيىسى مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن ئېتىبارەن باشلانغان.