UyghurMain Dictionary
تەكشىسىز يادرو
بىئولوگىيە
مېتابولىزمى جانلانغان ھۈجەيرىلەرنىڭ يادروسىدا بەلگە قىلىنىدىغان، مولېكۇلا ئېغىرلىقى تەكشى بولمىغان (100S - 20S), DNA نىڭ تۈزۈلۈشىگە ئوخشاپ كېتىدىغان بىر خىل چوڭ مولېكۇلىلىق RNA تېزلىكتە سىنتېزلىنىدۇ، تەجرىبىلەر ئۇنىڭ mRNA نىڭ ئالدىنقى تەنچىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. HnRNA نىڭ ئىشقار رادىكاللىق تۈزۈلۈشى rRNA نىڭكى (% 60 G + C) گە زادىلا ئوخشىمايدۇ. ئۇ DNA نىڭ ئىشقار رادىكال نىسبىتى (% 45 - 42G + C) گە يېقىن كېلىدۇ، mRNA نىڭ
%(43 - 47) G + C قىممتىگىمۇ يېقىن ھەمدە mRNA بىلەن ئورتاق 51 كەپكىلىك تۈزۈلۈشى ۋە 31 - ئۇچلۇق تۈزۈلۈشىگە ئىگە بولۇپ، ئىككىلىسىنى ئوخشاش RNA پولىمېرازا سىنتېزلايدۇ. HnRNA دە mRNA نىڭ ئورتاق رەت نومۇر رايونى بولۇپ، تەن سىرتىدا مەخسۇس ئاقسىلغا تەرجىمە قىلىنىشى مۇمكىن.