Uyghur←ChineseMain Dictionary
تەكشىسىز يادرو
بىئولوگىيە
核不均-RNA
hébùjūn-RNA
مېتابولىزمى جانلانغان ھۈجەيرىلەرنىڭ يادروسىدا بەلگە قىلىنىدىغان، مولېكۇلا ئېغىرلىقى تەكشى بولمىغان (100 S - 20 S), DNA نىڭ تۈزۈلۈشىگە ئوخشاپ كېتىدىغان بىر خىل چوڭ مولېكۇلىلىق RNA تېزلىكتە سىنتېزلىنىدۇ، تەجرىبىلەر ئۇنىڭ mRNA نىڭ ئالدىنقى تەنچىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. HnRNA نىڭ ئىشقار رادىكاللىق تۈزۈلۈشى rRNA نىڭكى (60%G + C) گە زادىلا ئوخشىمايدۇ. ئۇ DNA نىڭ ئىشقار رادىكال نىسبىتى (45% - 42G + C) گە يېقىن كېلىدۇ، mRNA نىڭ (43 - 47%) G + C قىممتىگىمۇ يېقىن ھەمدە mRNA بىلەن ئورتاق 5 1 كەپكىلىك تۈزۈلۈشى ۋە 3 1 - ئۇچلۇق تۈزۈلۈشىگە ئىگە بولۇپ، ئىككىلىسىنى ئوخشاش RNA پولىمېرازا سىنتېزلايدۇ. HnRNA دە mRNA نىڭ ئورتاق رەت نومۇر رايونى بولۇپ، تەن سىرتىدا مەخسۇس ئاقسىلغا تەرجىمە قىلىنىشى مۇمكىن.