UyghurMain Dictionary
تەكلۇر پادىشاھلىقى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
غەربىي ئافرىقىدا دىننى ئىسلام دىنىغا ئۆزگەرتكەن تۇنجى پادىشاھلىق كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ پادىشاھلىق سېنېگال دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىغا جايلاشقان بولۇپ، سېرئېر مىللىتى، ۋولوف مىللىتى ۋە جەنۇبقا كۆچكەن بەربەرلەرنىڭ ئۆز ئارا تەسىر كۆرسىتىشى بىلەن شەكىللەنگەن. Ⅹ ئەسىرنىڭ باشلىرى فۇلانىلار پادىشاھ بولدى. Ⅺ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىىرى پادىشاھ ۋارجابى (؟ - 1041) ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىلغاندىن كېيىن، مۇسۇلمان پادىشاھلىقى بولدى. مۇرابىتلارنىڭ جىھادلىرىغا قاتناشتى. گانا ئىمپېرىيىسى ئاجىزلاشقاندا شەرققە كېڭىيىپ، غەربىي سەھرايى كەبىرنىڭ سودىسىنى كونترول قىلىۋالدى. ئىقتىسادىي تەدرىجىي گۈللىنىشكە باشلىدى. مالى ئىمپېرىيىسى گۈللەنگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا بېقىندى دۆلەت بولۇپ قالدى. مالى ئىمپېرىيىسى ئاجىزلاشقاندىن كېيىن، ۋولوفلار، فۇلانىلارنىڭ كىچىك دۆلەتلىرىگە بۆلۈنۈپ كەتتى. لېكىن، ئىسلام دىنى داۋاملىق چوڭقۇر تارقىلىپ، ئىسلام دىنى غەربىي ئافرىقىدا تەرەققىي قىلىدىغان بازا بولدى. تەكلۇرنىڭ ئادەملىرى دېگەندە، ئەرەبچە ئەسەرلەردە، كېيىن غەربىي ئافرىقىدىكى مۇسۇلمانلار كۆزدە تۇتۇلدى. غەربىي ئافرىقىدا ئۇلار تۇكورلار دەپ يالغان - ياۋىداق گەپ تارقالدى. ئۇلار ئۆزىنى پۇلور تىلىدا سۆزلىشىدىغانلار دېسىمۇ، لېكىن كىشىلەر تەرىپىدىن يەنىلا تۇكولورلار دەپ ئاتالدى. ئاخىر سېنېگال، گامبىيە ئەتراپىدا فۇلانىلار، ۋولوفلار، سېرئېرلار قاتارلىق مىللەتلەردن تەركىب تاپقان مۇسۇلمان مىللىتى بولدى.