UyghurMain Dictionary
تەك
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
تەگ، ئاست؛ سوققا، زەربە.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پەقەت، ...لا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەگەر بىر ئادەم پەقەت ئۆزىنىلا ئويلىسا، بۇ تولىمۇ شەرمەندىچىلىك بولىدۇ. ئىنساننى پەقەت تەرجربىلا ھايات لەززەتلىرىنى قەدىرلەشكە ئۆگىتىدۇ. بولۇپ ئۆتكەن بۇ ئىشلاردىن بۇ يەردە يالغۇز مەنلا بىخەۋەر ئىكەنمەن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۈن چىقارماسلىق، سۈكۈت.
پىچىقى كەسمەسنىڭ ئاغزى جىم تۇرماس. سەن شۈك، مەن شۈك، ئوتتۇرىدا قارا مۈشۈك. گەپ دېسە بەش ئېشەككە يۈك، ئىش دېسە خەپشۈك. تەك تۇر _ جىم تۇر.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
مۇنداقلا، ئانچىكىم؛ تېنچ، شۈك.
تەك كەلدىم _ ھېچبىر مەقسەتسىز، مۇنداقلا كەلدىم. تەك تۇر _ تېنچ تۇر، شۈك تۇر.
ئوغۇزچە.
1 - 435
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
يالغۇز، پەقەتلا؛ <تەگ> كە قاراڭ
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئۈزۈم ئۆسۈملۈكى، تېلى؛ بارىڭى.