UyghurMain Dictionary
تەكبىر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
خۇدانى ئۇلۇغلاپ، ئاللاھۇ ئەكبەر ئىبارىسىنى ئېيتىش:
كۆرەلەركىم مەلەك سىيرەت ئىكى پىر،
ئايۇلار ئاھۇ نالىش بىرلە تەكبىر.
لۇتقى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئۇلۇغلىماق.
بىئولوگىيە
<ئاللاھۇ ئەكبەر> دەپ ئاللاغا ھەمدۇ سانا ئېيتسا تەكبىر ئېيتقانلىق بولىدۇ.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ مۇسۇلمانلار كۆپ ئىشلىتىدىغان ئەربچە سۆز. « ئاللاھۇ ئەكبەر » دەپ ھەمدۇسانا ئوقۇش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. « ئاللاھۇ ئەكبەر » دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى « ئاللا ئۇلۇغدۇر » دېگەنلىك بولىدۇ. مۇسۇلمانلار مۇشۇ سۆز بىلەن ئاللانىڭ بىرلىكىنى تونۇغانلىقىنى، ئۆزىنى ئاللاغا بېغىشلىغان قەتئىي نىيىتىنى ئىپادىلەيدۇ، ئاللانىڭ ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ھۆرمىتىدىن چەكسىز ھېيىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇسۆزنى مۇسۇلمانلار كۈندىلىك تۇرمۇشىدا كۆپ زىكرى قىلىدۇ. مۇسۇلمانلار ناماز ئوقۇغاندا روكۇدىن تۇرغان ۋە ناماز ئوقۇپ بولغاندىن باشقا، ھەر بىر ھەرىكىتىدە « ئاللاھۇ ئەكبەر » دېيىشى كېرەك. مال زەبىھ قىلغاندا ۋە مىيىت نامىزى چۈشۈرگەندىمۇ بۇ كەلىمە سانا ئوقۇلىدۇ. روزى ھېيىت ۋە قۇربان ھېيىت نامىزىدىن كېيىن ئوقۇلىدىغان خۇتبىدە بۇ كەلىمە سانا مۇھىم ئورۇنغا قويۇلىدۇ ھەم تەكرار زىكرى قىلىنىپ، 21 قېتىم ياكى 27 قېتىمغا يەتكۈزىلىدۇ. مۇسۇلمانلار بۇ كەلىمە سانانى « سۇبھاناللا »، « ئەلھەمدۇلىللاھ » ۋە كەلىمە تەييىبە بىلەن قوشۇپ ئوقۇپ، مۇكەممەل كەلىمە سانا ھاسىل قىلىدۇ. ھەر كۈنى بەش ۋاخ نامازدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ ئوقۇيدۇ. ئىسلام دىنىنىڭ تارىخىدا بۇ كەلىمە سانا مۇسۇلمانلارنى ئاللا يولىدا باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ دۈشمەننى قىرىشقا ئىلھاملاندۇرىدىغان جەڭگىۋار شۇئار بولۇپ، ئاللانىڭ ياردىمىگە تاينىدىغان تەڭداشسىز غايەت زور مەنىۋى كۈچنى ئىپادىلىگەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
دىن
ئاللاھۇ ئەكبەر (ئاللا ئەڭ ئۇلۇغدۇر) دېگەن ئىبارىنى ئېيتىش.
تەكبىر ئېيتماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بىر نەرسىنىڭ ئاستى قىسمى، ئۇلى.
يەرنىڭ تەكتى.
كۆچمە. ئەسلىسى، كېلىش مەنبەسى، كېلىپ چىقىشى، تېگى.
بۇ قىزنىڭ تەكتىنى بىلدىڭىزمۇ؟
كۆچمە. مەزمۇنى، ماھىيىتى، سىرى.
ئۇنىڭ گېپىنىڭ تەكتىگە يەتكەن ھاجى ئەلەم بىلەن ئۇھ تارتتى.