UyghurMain Dictionary
تەفسىر ئەل كەبىر
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <تەپسىر قامۇسى> دېگەنلىك بولىدۇ. (1) سۈننىي مەزھىپىنىڭ مەشھۇر تەپسىر كىتابلىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. <مەفاتىھول غەيب> مۇ دېيىلىدۇ. بۇنى فەخرىددىن بىننى ھۈسەين رازى (149 - 1209) تەپسىر قىلغان. بۇ كىتابتا <كەششاف> ھۆرمەت قىلىدىغان مۇئتەزىلىيەلەرنىڭ قاراشلىرىغا رەددىيە بىېرىلىپلا قالماستىن، بەلكى مۇفەسسىر ئەشئەرىلىيەلەرنىڭ پەلسەپىلىك قاراشلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلدى. فەخرىددىن بىننە ھۈسەين رازى تەپسىرنى يېزىپ تۈگىتەلمىدى. ئۇنى فەخرىددىن بىننى ھۈسەين رازىنىڭ شاگىرتى، دەمەشىقنىڭ قازى قۇزاتى شەمسىددىن خۇۋەييى (؟ - 1422) بىلەن نەجمىدىن قەمۇلى (؟ - 1375) داۋاملاشتۇرۇپ پۈتتۈردى. ⅨⅩ ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىدىن باشلاپ بۇ ئەسەرنىڭ بۇلاق (ھازىرقى قاھىرەنىڭ يېنىدىكى كىچىك شەھەر)، ئىستامبول، قاھىرە قاتارلىق نۇسخىلىرى چىقتى؛ بۇنىڭدىن باشقا، <فەخرىددىن رازى تەفسىرلىرىنىڭ مۇندەرىجىسى> 1933 - يىلى لوندوندا نەشر قىلىندى. (2) شىئە مەزھىپىنىڭ مەشھۇر تەپسىر كىتابلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇنى سەييىد مۇھەممەد رازى (؟ - 1209) تەپسىر قىلغان . پۈتۈن ئەسەر 30 جىلد.