UyghurMain Dictionary
تەفسىر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۆپلۈكى: تەفاسىر. شەرھ، ئىزاھ، بىرەر تېكىستنىڭ مەنىسىنى ئېچىش.
قۇرئان ئايەتلىرىنى ئىزاھلاش ۋە شۇ توغرىدا يېزىلغان كىتاب:
سۈرەئى ئىشقىڭنى تەفسىر ئەتكەلى بار كىمدە تىل،
مەكتەبى خامۇشلۇقغە كىردى ئەربابى بەيان.
ئەرشى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
شەرھ، ئىزاھ، چۈشەندۈرمە، يەشمە.
قەدىمكى ئەسەرلەر
XKQ/12
بۇ ئەسەر قۇرئاننىڭ 29 -, 30 - ئايەتلىرىنىڭ پارسچە تەرجىمە تەفسىرى بولۇپ، ئاپتورى: ياقۇپ چەرخى. فورماتى: 22 × 14 سانتىمېتىر، 398 بەت. پارسچە، قول يازما. ھىجرىيە 1344 - يىلى ئەئزەم شاھ ئاخۇنۇم تەرىپىدىن كۆچۈرۈلگەن نۇسخا.
قەدىمكى ئەسەرلەر
XKQ/1291
بۇ ئەسەر قۇرئان تەفسىرى بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى: جالالىدىن (؟). ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل - دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 29 × 19 سانتىمېتىر، 422 بەت. ئەرەبچە، قول يازما.